چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى ئىككى پۇتى كېسىۋېتىلگەن بىر ئەر شىر ۋە يولۋاس بىلەن قېرىنداشلاردەك ئۆتىدىكەن. كۆڭلى يېرىم بولغاندا، ئۇنى قۇچاقلىسا كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدىكەن.
43 ياشلىق جون بىر قېتىم ئىلاستىك تاختا ئۈستىدە سەكرەپ ئوينىغاندا، تاساددىبىيلىق يۈز بېرىپ ئىككى پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ناھايىتى چۈشكۈنلۈشۈپ كەتكەن، كىيىن ئۇ ئۆزىدە يولۋاس، شىرلارغا يېقىنلىشالايدىغان ئالاھىدە بىر خىل ئىقتىدارنىڭ بارلىقىنى بايقىغان.
«سۆڭەك غاجىلىغۇچى» بولسا بەدەن ئۇزۇنلۇقى 2.1 مېتىر كېلىدىغان بىر ئەركەك شىر، بەلكىم تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بولسا كېرەك، ئۇ سۆڭەك بوشۇشۇش كېسەللىكىگە گرىپتار بولغان بولۇپ، جونغا ئوخشاشلا ئۆرە تۇرالمايدىكەن. جوننىڭ بۇ شىر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، دائىم شىرنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالىدىكەن، كەيپىياتى ياخشى بولمىغان چاغلاردا بېرىپ شىرنى بىردەم قۇچاقلىۋالسا، كۆڭلى ئەمىن تېپىپ قالىدىكەن.