ياپونىيە دە بويى 1.44 مېتىر كېلىدىغان كېلىن بىلەن بويى 1.90 مېتىرلىق يىگىت توي قىلدى

2011-05-24 12:06:42   www.basbas.cn   نادىل
T|T:خەت رەزمىرى

جۇڭشىن تورى 5- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى: ياپونىيە ئاخبارات خەۋىرى تورى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ئاياللار تەشكىلاتى «ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن  قىزلار ئەترىتى» نىڭ  سابىق ئەزاسى شېكوجېنلى(28 ياش) شۇ يەر ۋاقتى 22- ماي ياپونىيەلىك ئارتىس جوڭسۈن چاڭيې (25 ياش)    بىلەن توكيۇدا  توي خەۋىرىنى ئاشكارىلاش ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنى ئاچتى.  ئىككەيلەن ئاللىبۇرۇن توي ئىلتىماسنامىسىنى تاپشۇرۇپ بولغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ بىر جۈپنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشىدىكى سەۋەب بۇلارنىڭ بوي ئېگىزلىك پەرقى ئىكەن. شېكوجېنلىنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.44 مېتىر بولۇپ، جوڭسۈننىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.92 مېتىر ئىكەن.  ئۇلار ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىىدىن «ئېگىز-پەس»ئاشۇق -مەشۇقلار دەپ ئاتالدى.  ئەلۋەتتە، بوي ئېگىزلىكى ئىككى ئادەمنىڭ مۇھەببىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.