چۇڭچىڭدا شەپەرەڭ ۋە ئاق چۈمۈلە جېڭى يۈز بەردى

2011-05-24 16:32:47   www.basbas.cn   نادىل
T|T:خەت رەزمىرى

  چۇڭچىڭ كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: ئالدىنقى كۈنى سائەت سەككىزلەر ئەتراپىدا  قۇمتۈزلەڭ رايونى سەنشيا مەيدانىدا بىر مەيدان شەپەرەڭ بىلەن ئاق چۈمۈلە جېڭى يۈز بەردى.60-70 شەپەرەڭ ۋە نەچچە مىڭ ئاق چۈمۈلە سودا ساراي سىرتىدا ئۇچۇپ يۈرۈپ  يولدىن ئۆتكەنلەرنى قورقۇتۇۋەتتى. قۇمتۈزلەڭ رايونىدا  شەپەرەڭلەر بىلەن ئاق چۈمۈلە جېڭى كىشىلەرنى چۈچۈتىۋەتتى. ئادەتتە ئاق چۈمۈلىنىڭ بولۇشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس،بىراق بۇ شەپەرەڭلەرنىڭ كوللىكتىپ پەيدا بولۇپ قېلىشى كىشىلەرنى ئەجەبلەندۈردى. ئادەتتە بۇ شەپەرەڭلەر ئانچە بەك كۆپ  ئەمەس ئىدى.
 ئۇلار چاقماقتەك ھەرىكەت قىلىپ، چۈمۈلە تۇتۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى.ئىگىلىنىشكە قارىغاندا،  ئاق چۈمۈلە بىلەن بۇشەپەرەڭلەر كەچ سائەت يەتتىلەر ئەتراپىدا پەيدا بولغان ئىكەن. بۇلارنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قىلىشى كىشىلەرنى يامغۇر ياكى سۇ يۈزىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى قاتارلىق ھادىسلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىغا  بولغان ئەندىشىگە سېلىپ قويدى.