ئوباما: پاكىستانغا قارىتا داۋاملىق مەخپىي ھەرىكەت قوللىنىشىمىز مۇمكىن

2011-05-23 16:32:21   www.basbas.cn   نادىل
T|T:خەت رەزمىرى

ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى (BBC)نىڭ 22–ماي خەۋىرى : ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ، لادېننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ، ئامېرىك–پاكىستان مۇناسىۋىتى، ئافغانىستان ئۇرۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى .
    لادېننىڭ ئۆلۈمى ۋە ئامېرىكا–پاكىستان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئومابا مۇنداق دېدى: گەرچە لادېننىڭ ئۆلۈمى ئامېرىكا ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى تالاش–تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا پاكىستاندىكى ‹‹بازا›› تەشكىلاتى ۋە تالىبانلارغا قارىتا داۋاملىق مەخپىي ھەرىكەت قوللىنىدۇ ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پاكىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، ئەمما ھەرقانداق بىرسىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا زەربە بېرىشىگە قاراپ تۇرمايدۇ ئوباما، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ، دېدى ئافغانىستان ئۇرۇشىغا قارىتا، ئوباما تالىبانلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئاندىن بۇ توقۇنۇش ئاخىرلىشىدۇ، دەپ ئىتراپ قىلدى . ئۇ، تالىبانلار ‹‹بازا ›› تەشكىلاتى بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشى ، ئافغانىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك ، دېدى ئوباما مۇنۇلارنى كۆرسەتتى ، ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيەسى ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى قوللايدۇ ، سىياسەت جەھەتتە ھەمكارلىشىپ ئاساسىي قانۇننى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىدۇ ئوباما 22–ماي كەچ ياۋروپادا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى ئۈچۈن يولغا چىقتى . ئۇ بۇ قېتىم ئېرلاندىيە، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ۋە پولشا قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولۇپ ، ياۋروپا ئەللىرىدىكى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى، شىمالىي ئافرىقىدىكى نارازلىق دولقۇنى ، ئافغانىستان ئۇرۇشى ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدىكەن .