تالىبانلار پاكىستاندىكى دېڭىز ئارمىيىسى بازىسىغا ھۇجۇم قىلش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

2011-05-23 15:14:07   www.basbas.cn   نادىل
T|T:خەت رەزمىرى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 23-ماي تېلگېراممىسى: چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستاندىكى تالىبانلار تەشكىلاتى 23-ماي باياناتچىسى ئارقىلىق پاكىستان دېڭىز ئارمىيسى مەخپال ئاۋىئاتسىيە قىسىمى بازىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ھەمدە تەھدىت سېلىپ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ، دېگەن.
پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى كاراچىدىكى مەخپال ئاۋىئاتسىيە قىسىمى بازىسى 22-ماي كەچتە قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بەش نەپەر دېڭىز ئارمىيىسى ئەسكىرى قازا قىلغان، 2 دانە P-3C «ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى» ناملىق دېڭىزدىكى چارلىغۇچى ئايروپىلان ھالەك بولغان.
پاكىستان زۇڭلىسى جىلانى بايانات ئېلان قىلىپ بۇ قېتىملىق تېرورلۇق ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى، ھەمدە ئىچكى ھۆكۈمەت، دېڭىز ئارمىيىسى قاتارلىقلارنىڭ بۇ ۋەقەنى تەلتۈكۈس ئېنىقلاپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.
پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىمىنىڭ ئەمەلدارى، بۇ تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ بىن لادېننىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.