شىنخۇا تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرى، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، مىكروسوفتنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بۇ يىل يازدا 699 ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى باھادا Windows 7 Personal Computer سېتىۋالغان ئوقۇغۇچىلارغا 4G Xbox 360 S ئويۇنچۇق ھەقسىز سوۋغا قىلىنىدىكەن.
مىكروسوفت Windows ئەترىتىنىڭ بلوگىدىكى ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى:«بۇ پائالىيەت 5-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. ئوقۇغۇچىلار دىېل، خۇيفۇ، بەيسى ھەمدە مىكروسوفتنىڭ پارچە سېتىش دۇكانلىرىدىن سېتىۋالسا بولىدىكەن.
مىكروسوفت مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقا ھەر بىر ئابونت جەزمەن edu. ئې-خېتىنى ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان زۆرۈر نەرسىلەرنى تەمىنلىشى كېرەك. پارچە سېتىش دۇكانلىرى تېخى ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇغۇچىلىق ID تەمىنلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ پائالىيەت پەقەت ئامېرىكا رايونى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، بەلكىم ئۇزۇن ئۆتمەي، فرانسىيە ۋە كاناداغىمۇ كېڭىيىدۇ».
سانلىق مەلۇماتتىن كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە %80-%90 كىچە بولغان كومپيۇتېرلاردا مىكروسوفتنىڭ Windows مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا Macintosh نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. بۇ خىل ھالەت مەشغۇلات بازىرىدا مىكروسوفت مەشغۇلات سىستېمىسى بازار ئىگىلەش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە سەۋەب بولماقتا.
مىكروسوفت بۇلتۇر Windows Phone 7 نى سېتىۋالغانلارغىمۇ Xbox 360 نى سوۋغا قىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئابونتلارنى جەلپ قىلغانىدى.