13 ياشلىق قىز ساۋاقدىشىنىڭ پۇل قاپچۇقىنى ئېلىپ بېرىمەن دەپ دەرياغا چۈشۈپ كەتتى
2011-05-23 16:33:00 www.basbas.cn نادىل
ئاتا- ئانا كۆزلىرىدىن قۇيۇلغان ياشلىرىدىن تەسەللى ئىزەپ ساقلىماقتا. ساۋاقدىشى قىرغاقتىن سۇغا قاراپ يېغلىماقتا. ئاۋام خەلق مۆجىزە يۈز بېرىپ قىلىشىنى كۈتمەكتە.. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى سۆزى «مېنى قۇتقۇزۇڭلار!...» بولۇپ قالدى.
ساۋاقدىشىنىڭ پۇل قاپچۇقى دەرياغا چۈشۈپ كەتكىنىنى كۆرگەن ئۇ ساۋاقدىشىغا ياردەم قىلىپ ئۇنى ئېلىپ بەرمەكچى بولدى. ئاقىۋەت نەرە تارتىپ كەلگەن دەريا سۈيى ئۇنى رەھىمسىزلەرچە تارتىپ ئېلىپ كىرىپ كەتتى. 5- ئاينىڭ 22- كۈنى سائەت 16 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، يۈخوڭ رايونى زاۋخۇا كوچىسى دىڭشياڭسۈن كەنتىدە 13 ياشلىق قىز دەرياغا چۈشۈپ كېتىپ غايىپ بولۇپ كەتتى. ھازىرغىچە ئۇنىڭ ھايات بولسا ھاياتلىقى، مامات بولسا جەسىتى تېپىلمىدى.بۇ كىچىك ساۋاقداشنىڭ ئىسمى جاۋشۈ بولۇپ، 13 ياش، بوي ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر، ئورۇقراق كەلگەن. ئۇ دىڭشياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئالتىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى. نەتىجىسى ئەلا بولۇپ،يەنە بىر ئېنىسى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ساۋاقدىشىنىڭ ئىساتلاپ كۆرسىتىشىچە، بۇ قىز سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىكەن، بىراق سۇ جىددى ئاققاچقا، ئامال قىلالمىغان.ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەددىن زىيادە قايغۇرۇپ كېتىپ120 جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىدا يېتىپ قالدى. ئالاھىدە ئەترەت ئادەم ئاجرىتىپ قىزنى ئىزدىگەن بولسىمۇ دېرىكىنى قىلالمىدى.