لادېننىڭ بەدىنىنىڭ تۆۋن قىسمىغىمۇ 2 پاي ئوق تىگىپتۇ

2011-05-13 15:45:02   www.basbas.cn   نادىل
T|T:خەت رەزمىرى

شىنخۇا تورى 13-ئاي تېلىگراممىسى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پارلامېنت يىغىنى ئەزاسى، ھەربىي ئىشلار ھەيئەت يىغىنىنىڭ ئەزاسى جېمىس. ئىنخوف 11-ماي بىن.لادېننىڭ 15 پارچە سۈرىتىنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: «لادېن زەربىدارلار ئەترىتى نىشانغا يىتىپ بېرىپ تەخمىنەن 20 مىنۇتتىن كېيىن ئىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، بىر پاي ئوق ئۇنىڭ سول كۆزىنىڭ ئۈستى قىسمىغا تىگىپ، سۆڭەكنى تىشىپ قۇلىقىدىن ئۇچۇپ چىقىپ كەتكەن. ئەلۋەتتە يەنە بىر خىل ئەھۋال بولىشى مومكىن. يەنى بەلكىم ئوق ئۇنىڭ قۇلىقىدىن كىرىپ، كۆزىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىن تېشىپ چىقىپ كەتكەن بولىشى مومكىن. قىسقىسى، بۇ بىر پاي ئوق لادېننىڭ مېڭە قىسمىنىڭ چۇۋۇلۇپ، كۆزىدىن چىقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ناھايىتى قورقۇنۇشلۇق».

ئۇ يەنە سۆزىنى تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: «لادېننىڭ ساقىلى پەرەزدىكىدىن سەل قىسقا بولۇپ، بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئاقىرىپ كەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا سۈرەتلەردىن شۇنى ئېنىق كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى، لادېننىڭ باش قىسمىلا ئەمەس، ئاستىنقى بەدىنىگىمۇ (كالتە ئىشتىنىنىڭ ئاستىنقى قىسمى)  2 پاي ئوق تەگكەن».
ئىنخوفنىڭ قارىشىچە، ئاز دىگەندىمۇ 2 پارچە سۈرەتنى كۆپچىلىككە ئاشكارلاشقا بولىدىكەن. چۈنكى بۇ سۈرەتلەر ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ لادېننىڭ جەسىتىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقاندا تارتىلغان سۈرەتلەر بولۇپ، ئامما بىر كۆرۈپلا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ بىن.لادېن ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدىكەن.