تىرنىقى بىلەن تېرىسىگە خەت يازغىلى بولىدىغان ئايال

2011-05-13 13:06:48   www.basbas.cn   نادىل
T|T:خەت رەزمىرى

ئادەمنىڭ تېرىسىگە  خەت يازغىلى بولامدۇ؟ ئادەتتىكى ئادەملەردە بۇنداق ئەھۋال بولمايدۇ، بىراق باۋئەن يېزىسىدىكى لۇ خانىم شۇنداق قىلالايدۇ، ئۇ تىرنىقى ئارقىلىق تېرىسىگە خەت يازالايدىغان بولۇپ، بىر مىنوتتىلا تېرىسىدە نۇرغۇن خەتلەرنى ھاسىل قىلالايدىكەن.
لۇ خانىم خۇنەنلىك، بۇ يىل 65 ياش، سالامەتلىك ئىنتايىن ياخشى، لۇ خانىمنىڭ قىزىنىڭ ئېيتىشىچە، 20 يىل بۇرۇندىن باشلاپلا، ئاپىسىنىڭ تېرىسى خۇددى غەلىتە «كېسەللىكتەك»، تىرنىقى بىلەن تىرىسىنى سۈركەپ قويسىلا، بىر مىنوتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تېرىسىدا قىزىل بەلباغلىق ئورۇنلار كۆتۈرۈلۈپ چىقىدىكەن، خۇددى قامچە بىلەن ئۇرغاندەك، ئەگەر تېرىسى ئۈستىگە خەت يازسا، قىزىل بەلباغلىق ئورۇنلارنىڭ گىرۋەكلىرى قېنىقلىشىپ، يازغان ھەممە خەتلەر شۇنداق ئېنىق ئىپادىلىنىپ چىقىدىكەن، بىرەر سائەت ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزلىكىدىن يوقاپ كېتىدىكەن. بىر قېتىم قىزى بىر تېلىفۇن نۇمۇرىنى خاتىرىلىمەكچى بولۇپ، قەغەز ياكى قەلەم تاپالمىغان، ئاپىسى ئۇنىڭغا بىۋاستىلا بېلىكىگە خاتىرىلەپ قويۇشنى ئېيتقان، قىزىمۇ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ھەيران قالغان. لۇ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 20 يىل ئىلگىرى كۈيئوغلى تەڭشەپ بەرگەن قۇۋۋەت دورىسىنى ئىچىپ، يېرىم ئايدىن كېيىنلا تېرىسىدە مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەن.
تېرە كېسەللىكى دوختۇرلىرىنىڭ قارىشىچە، لۇ خانىم ئاز ئۇچايدىغان تېرە سىزىقى كېسەللىكىگە گرىپتار بولغان بولۇپ، تېرە قان ئايلىنىشىنىڭ زىيادە سەزگۈرلىكىدىن كېلىپ چىقىدىكەن ، تېرىگە تىرناق ياكى باشقا گال نەرسىلەر بىلەن سىزىق سىزغاندا بىر تال بىر تال قىزىل رەڭلىك تېرىدىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان ئىزلار پەيدا بولۇپ، نەچچە ئون مىنوتتىن كېيىن يوقاپ كېتىدىكەن، ئادەتتە بۇ خىل كېسەللىكنى داۋالاشنىڭ ھاجتى يوق ئىكەن،  تىرنىقى ياكى باشقا نەرسىلەر ئارقىلىق تېرىسىنى غىدىقلاشتىن ساقلىنىشىقا ئەھمىيەت بەرسە، ئەڭ مۇھىمى تېرىسىنى قالايمىغان تاتىلاشتىن ساقلانسا بولىدىكەن.