جۇڭشىن تورى 5- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە« كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ مومىسى سارا. ئوباما يېقىندا بازا تەشكىلاتىدىكى بەزى تىرروچىلىرىنىڭ تەھدىتىنى تاپشۇرۇۋالغان. كىنىيە ساقچى تەرەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن سارا. ئوبامانىڭ تۇرالغۇسىنى 24 سائەت نازارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلىماقتا. سارا بولسا ئوبامانىڭ بوۋىسىنىڭ ئۈچىنچى ئايالى، ھازىر كىنىيەدە تۇرىدۇ.
27 ياش ۋاقتىدا ئوباما تۇنجى قېتىم كىنىيەگە كەلگەن ۋە بۇ مومىسى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوباما ئىككى قېتىم بۇ مومىسىنى كۆرگىلى بارغان. بۇ مومىسىمۇ ئىككى قېتىم ئامېرىكىغا بارغان. ئېگىلىنىشكە قارىغاندا، بىن. لادېن ئۆلگەندىن كېيىن، «بازا» تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان سۇمالىدىكى ئىسلام تىررورلۇق تەشكىلاتى Ai Shabaab ئۆچ ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالغان. كىنىيە ساقچى تەرەپ بىخەتەرلىك ساقلاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتماقتا. يەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سىتۋىن. چېتىكا مۇنداق دەيدۇ:«بىز ساراغا ھۇجۇم قىلىش پىلانى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋىلىپلا تولۇق بولغان بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللاندۇق».Ai Shabaab يەنە «ياشلار پارتىيىسى » دەپمۇئاتىلىدۇ. بۇ بىر توپىلاڭچى تەشكىلات بولۇپ، سۇمالى ھۆكۈمىتى بىلەن قارشىلىشىپ كېلىۋاتقىنىغا نەچچە يىللار بولدى. ئالدىنقى ھەپتە، بىن. لادېن ئۆلگەندىن كېيىن، ياشلار پارتىيىسىنىڭ قوماندانى مۇھەممەد. كالاف قەسەم قىلىپ ئامېرىكىدىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە « بىز چوقۇم سىلەرنى پۇشايمان قىلدۇرىمىز» دېدى.