techweb تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرى، يېڭىلىق يارىتىش مەيدانىنىڭ باش مۇدىرى ھەمدە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لى كەي فۇ (李开复) بۈگۈن مىكروسوفتنى تىللاپ، مۇنداق دېگەن:«مىكروسوفت بولسا چوڭ دۆلەت كالا».
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:« مىكروسوفت ئىلگىرى سېتىۋېلىشقا كەلگەندە ناھايىتى پىخسىق ئىدى. مەن مىكروسوفتقا Nuance نى سېتىۋېلىش تەكلىپىنى بەرگەندە، مىكروسوفت ئاران 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (ھازىر 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كېلىدۇ) چىقاردى. مەن ئۇنىڭغا گۇگېلنى سېتىۋېلىش تەكلىپىنى بەرگەندە، مىكروسوفت 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ( ھازىرقى 170 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كېلىدۇ) نى قىممەت كۆردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ Overture، Youtube ۋە DoubleClick نى سېتىۋېلىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى. ئۇ نۇرغۇن قېتىم ناھايىتى ياخشى شىركەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويغاندىن كېيىن، ئۇ زەردە بىلەن ياخۇغا 45 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، Aquantive غا 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى باھار چىقاردى. ئەمدىلىكتە بولسا Skype غا 8 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى باھا چىقاردى».