ش ئا ئە ت بىلەن ئاففانىستان بىخەتەرلىك ئەترىتى ساقچى ۋە پۇقرالارنى خاتا ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئىتىراپ قىلدى
2011-05-13 11:37:52 www.basbas.cn نادىل
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلى خەۋىرى: ش ئا ئە ت نىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق بىخەتەرلىككە ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ 12-مايدىكى باياناتىغا قارىغاندا، ش ئا ئە ت نىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق بىخەتەرلىككە ياردەم بېرىش ئەترىتى ئالدىنقى كۈنى غەربىي رايونلارغا ھۇجۇم قىلغاندا، ئۇقۇشماسلىقتىن بىر نەپەر يەرلىك ساقچى ۋە بىر نەپەر ياش ئايالنى ئۆلتۈرۈپ قويغان.
باياناتچىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ش ئا ئە ت نىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق بىخەتەرلىكنى قوغداش ئەترىتى 11-ماي نانگارخار ئۆلكىسىنىڭ Surkh Rod رايونىدا تالىبانلارنى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، قورال كۆتۈرۈۋالغان بىر ئەر قۇرۇلۇش ئورنىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، بىخەتەرلىك ئەترىتىدىكىلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، كېين بايقىلىشىچە، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگىنى بولسا بىر نەپەر ساقچى خادىمى ئىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ش ئا ئە ت بىخەتەرلىك ئەترىتى قۇرۇلۇش مەيدانىنىڭ كەينىدە قورال كۆتۈرۈپ يۈرگەن بىر قىزنى ئېتىۋەتكەن، چۈنكى ئەسكەرلەر قىزلارنى قورال ئېلىپ يۈرمەيدۇ دەپ قارىغاچقا ئۇقۇشماسلىقتىن بۇ ئايالنى ئېتىپ سالغان، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە بۇ قىز ئەمدىلا 12 ياشقا كىرگەن ئىكەن.