ئۈچ نەشرىيات گۇگېلدىن 9.8 مىليارد ياۋرۇ تەلەپ قىلدى
2011-05-13 11:35:27 www.basbas.cn نادىل
شىنخۇا تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 12 -كۈنىدىكى خەۋىرى، فرانسىيىدىكى ئۈچ ئاساسلىق نەشرىيات مۇشۇ ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«گۇگېل بىزنىڭ رۇخسىتىمىزنى ئالماي، كىتابلىرىمىزنى گۇگېل تور كۇتۇپخانىسىدا ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن، بىز پارىژدىكى بىر سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، گۇگېلدىن 9 مىليارد 800 مىليون ياۋرۇ (تەخمىنەن 14 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر) زىيان تۆلىمىنى تەلەپ قىلدۇق».
بۇ ئۈچ نەشرىيات ئايرىم -ئايرىم ھالدا Gallimard نەشرىياتى، Flammarion نەشرىياتى ۋە Albin Michel نەشرىياتى ئىكەن. بۇ بىر قىسىم نەشرىياتلار يالغاندىن تەقلىد قىلىش جىنايىتىگە ئاساسلىنىپ ئەرز سۇنغان بولۇپ، ئۇلار گۇگېلدىن زىيان تارتقان 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇقراق كىتابىنىڭ زىيان تۆلىمىنى تەلەپ قىلغان. Gallimard نەشرىياتىنىڭ قانۇن تارمىقىنىڭ ئاشكارىلىغان خەۋىرىگە قارىغاندا، سوت مەھكىمىسى ئاللىبۇرۇن گۇگېلنى چاقىرىپ، بۇلارنى سۈرۈشتۈرگەن.
بىر ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان قانۇنىي ۋاكالەتچى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:« بۇ نەشرىياتلار گۇگېل تەرىپىدىن تەسۋىر كۆچۈرۈۋېلىنغان ھەر بىر كىتابى ئۈچۈن گۇگېلدىن 1000 ياۋرۇ تۆلەم تەلەپ قىلدى». ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« بىزنىڭ تۆلەم تەلەپ قىلغان كىتابلىرىمىز گۇگېلنىڭ تور كۇتۇپخانىسىدىكى تەسۋىر كۆچۈرۈلگەن كىتابلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. گۇگېلنىڭ بۇ تۈرىدە ھازىر 1200 پارچە كىتاب بار».
گۇگېل بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:«بىز ھازىر كۇتۇپخانىدىكى كىتابخانىلارنىڭ تەسۋىر كۆچۈرۈلۈش پائالىيىتى ھەمدە سوت مەھكىمىسىنىڭ چاقىرتىپ سوراق قىلىشىنى تەتقىق قىلىۋاتىمىز». مەزكۇر شىركەتنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن:« بىز بۇ يېڭىچە ئەيىبلەشتىن تولىمۇ تاسادىپىيلىق ھېس قىلدۇق، بىز يەنىلا گۇگېل كۇتۇپخانا تۈرىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىگە، ھەمدە بۇ تۈرنىڭ فرانسىيە قانۇنى ۋە خەلقئارا قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىگە ئېرىشىمىز.
بۇنىڭدىن بۇرۇن، يەنى 2009-يىلى فرانسىيىدىكى يەنە بىر نەشرىيات La Martiniere خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن گۇگېل ئۈستىدىن ئەرز قىلغانىدى. ئەمما، فرانسىيىدىكى ئەڭ چوڭ نەشرىيات گۇرۇھى Hachette Livre كىتابلىرىنىڭ نەشر ھوقۇقىنى گۇگېلغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.