مىكسىكىدا بېشى كېسىۋېتىلگەن 8 ئادەمنىڭ جەسىتى بايقالدى

2011-05-13 11:23:21   www.basbas.cn   نادىل
T|T:خەت رەزمىرى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 13-ماي تېلىگراممىسى،  12- ماي مىكسىكا دۇرانگۇ شىتاتى يول بويىدىن بېشى يوق 8 ئادەمنىڭ جەسىتى بايقالغان، دۇرانگۇ شىتاتى زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ پائالىيىتى ئەۋج ئالغان جاي بولۇپ، ھازىرغىچە نۇرغۇن كوللىكتىپ كۆمۈلگەن قەبرىلەر بايقىلىپ، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان 196 ئادەمنىڭ جەسىتى قېزىپ چىقىلغان.
دۇرانگۇ شىتاتىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، دۇرانگۇ شىتاتىنىڭ پايتەختى دۇرانگۇ شەھىرىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بويىدا يالىڭاچلانغان 6 ئادەمنىڭ جەسىتى بايقالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بېشى كېسىلىپ يېنىغا قويۇپ قۇيۇلغان ئىكەن.
قالغان 2 ئادەمنىڭ جەسىتى دۇرانگۇ شىتاتىنىڭ باشقا بىر شەھىرىدىكى كوچىدا بايقالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەننىڭ شەھەرلىك تۈرمىنىڭ مۇئاۋىن مەسئولى Gerardo Galindo Meza ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان، ئۇ ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى يەنى 9-ماي تۇتقىن قىلىنغان ئىكەن، ئۇنىڭمۇ بېشى كېسىۋېتىلگەن بولۇپ كوچىنىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىغا تاشلىۋېتىلگەن، يېنىغا زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ  بىر پارچە تەھدىت خېتى قالدۇرۇلغان ئىكەن.
بۇ مۇشۇ ھەپتىدىكى دۇرانگۇ شىتاتىدا ئىككىنچى قېتىم بېشى كېسىۋېتىلگەن جەسەتلەرنىڭ بايقىلىشى بولۇپ ،9-ماي دۇرانگۇ شىتاتىدىن 11 ئادەمنىڭ جەسىتى بايقالغان، تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرغىچە ھېچقانداق گۇمانلىق ئادەم ياكى يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلمىگەن. ئېنىقلىنىشىچە بەزى ئۆلگۈچىلەر 4 يىل بۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن بولىشى مۇمكىنكەن.