بىن لادېننىڭ ئايال تاللاش ئۆلچىمى ئاشكارلاندى
2011-05-13 11:00:37 www.basbas.cn نادىل
ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 11-ماي خەۋىرى: «بازا»تەشكىلاتىنىڭ بىر باشلىقىنىڭ ئاشكارلىشىچە، 10 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئۇ بىن لادېننىڭ بويرۇقى بويىچە بىن لادېن ئۈچۈن ئايال تاللىشىپ بەرگەن، بىن لادېن ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئېتىۋېتىلگەندە بەدىنى ئارقىلىق ئوقنى توسۇپ قالماقچى بولغان ئايالى سادا دەل ئۇ بىن لادېن ئۈچۈن تالاپ بەرگەن ئايالى ئىكەن، ئۇ يەنە بىن لادېننىڭ ئايال تاللاش ئۆلچىمىنىڭ: ياش، تەقۋادار، سادىق ۋە سەۋرچان بولۇش ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىغان.
«بازا»تەشكىلاتىنىڭ بۇ باشلىقىنىڭ ئىسمى رىشاد مۇھەممەد سەئىد ئىسمايىل بولۇپ، بىن لادېننىڭ ئاففانىستان «بازا»تەشكىلاتىدىكى ئەڭ يېقىن ياردەمچىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 1999-يىلى ئۇ بىن لادېندىن كەلگەن تېلفۇننى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، بىن لادېن ئۇنىڭدىن ئۆزى ئۈچۈن تەقۋادار، سادىق، ياش، قائىدىلىك، كېلىپ چىقىشى ياخشى ئەڭ مۇھىمى سەۋرچانراق بولغان، بىن لادېن تۇرىۋاتقان جاپالىق شارائىتقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئايال تاللاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.
ئىسمايىل تېزلىكتە يۇرتى يەمەندىكى ئىب بازىرىغا قايتىپ، كېلىپ چىقىشى ياخشى بولغان سادانى تاللاپ چىققان، ھەمدە ئۆز قارىشى بويىچە، سادانى بىن لادېنغا ئەڭ لايىق كېلىدىغان ئايال دەپ قاراپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوشۇلىشى بىلەن 5000 ئامېرىكا دوللىرى تويلۇق مېلى بىلەن توي قىلماقچى بولغان.
سادا بىلەن بىن لادېننىڭ توي مۇراسىمى ئاففانىستاندىكى قەندىھاردا ئۆتكۈزۈلگەن، يەمەننىڭ ئەنئەنىسى بويىچە تويغا پەقەت ئەر مېھمانلارلا چاقىرىلغان ھەمدە بىر قوينى يىگىتنىڭ پۇتىغا بوغۇزلاپ ئۆلتۈرگەن، ئەينى چاغدا بىن لادېن 44 ياشتا ئىكەن.
سادا بىن لادېن بىلەن توي قىلغاندا ئەمدىلا 17 ياشتا بولۇپ، ئىنتايىن خىجىلچان، مۇلايىم بولۇپ، بىن لادېننى باشقا ئاياللىرى بىلەن بىللە تالىبانلار پونكىتىدا تۇرغان، ئەينى چاغدا سادا بىن لادېننىڭ باشقا ئايالىرىدىن كىچىك، ھەتتا بىن لادېننىڭ ئوغلىدىنمۇ كىچىك ئىكەن.«9.11» تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن، سادا قىزى سوفىيەنى ئېلىپ يەمەنگە قايتقان، 2002-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان ئاياللار ژورنىلىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا تاغ ئىچىگە يوشۇرۇنغان ئەھۋاللىرىنى ئاخىرىدا ئېرى بىن لادېن بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ بىرلىكتە پاكىستاندىكى تۇرالغۇسىغا بېرىپ 5 يىل يوشۇرۇنغانلىقىنى ئېيتقان.
ئىسمايىل 11-ماي بايانات ئېلان قىلىپ،« بازا»تەشكىلاتىنىڭ بىن لادېننىڭ ئايالى ساداغا، ئۇنىڭ بالىلىرىغا ۋە بىن لادېننىڭ باشقا ئائىلە ئەزالىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىسمايىل:« بىزنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىسلام ئەنئەنىمىز ھەم پەخىرلىنىدىغان جەمەتىمىز بار. سادا تۇل خوتۇن بولۇپ قالدى، شۇڭا پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەم قوغداش مەسئولىيىتى بار، يەمەندىكى «بازا»تەشكىلاتى بىن لادېننىڭ شەھىد بولۇپ ئۆلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خوشالمىز» دەپ كۆرسەتكەن.
29 ياشلىك سادا ھازىر پاكىستاندىكى راۋەلىپىندى ھەربىي دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ، پاكىستان ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، بىن لادېننىڭ 3 ئايالى سوراق قىلىنىۋېتىپتۇ، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بىن لادېننىڭ ئاياللىرىدىن 20 تۈرلۈك سۇئال سورايدىكەن.