شىنخۇا تورى 12-ماي تېلىگراممىسى: ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 10-ماي، بېرمىنگام ئونۋېرسىتىتىدا ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان بىر يىگىت ئاياللار ھاجەتخانىسىنى مارىغانلىقى ئۈچۈن 3 يىل ئاھالە خىزمىتىنى قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بېرمىنگام يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ جىنسىي جىنايەت داۋالىشىنى قۇبۇل قىلىنىشقا بۇيرۇلغان.
ئىگىلىنىشچە، بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن خاردمان قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن، دائىم قىزلارنىڭ نىقابىنى ۋە قارا رەڭلىك يالغان چاچ تاقىۋىلىپ ئاياللار ھاجەتخانىسىغا كىرىپ ئوغرىلىقچە مارايدىكەن.
3-ماي، بېرمىنگامدىكى بىر سودا-سارىيىنىڭ ھاجەتخانىسىدا بىر ئايال بۇ ئەھۋالنى بايقاپ قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان بولۇپ، خاردمان نەق مەيداندىن ئايرىلىدىغان چاغدا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئىلىنغان. ساقچىلار ئۇنىڭ يانفونىدىن ئاياللارنىڭ پۇت قىسمى تارتىلغان 3 پارچە سۈرەت بايقىغان بولۇپ، خاردمانمۇ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىغا ئىقرار بولغان. ئەينى چاغدا، مەكتەپ ھاجەتخانىسىدىكى بەزى قىزلار بۇ ئالاھىدە ياسىنۋالغان «قىزچاق» نىڭ سىرتقى كۆرىنىشىدىن قورقۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئادۇۋكاتى بۇ توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىدىن ناھايىتى خىجىل بولىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەپلىك ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنىمۇ ئالالمايدىغانلىقىدىن ئىنتايىن پۇشايمان قىلدى».