cnbeta تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرى، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، مىكروسوفت سەككىز مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ چىقىرىپ Skype نى سېتىۋالغانلىقى كەسپىي ساھەنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر «مۇشۇنداق قىلىش ئەرزىمدۇ ياكى ئەرزىمەمدۇ» دېگەن تېما ئۈستىدە مۇنازىرە مەيدانغا كەلدى. «نىيو يورك ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:«Skype بولسا مىكروسوفتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىتۋ.بالمېرنىڭ بۈگۈنگە قەدەر خۇسۇسىي ئابۇنىچى بازىرىدا ئەڭ دانالىق بىلەن ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق سودا پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ».
بۇنىڭدىن بۇرۇن، Hotmail قاتارلىق ئاز بىر قىسىم لايىھەلەردىن باشقا مىكروسوفتنىڭ شىركەت يۇمشاق دېتاللىرى بازىرىدىكى سېتىۋېلىشىدا شەخسى يەنى ئىستېمالچىلار بازىرى ساھەسىدىكى لايىھەلەر نىسبەتەن ئاز بولۇپ كەلگەنىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، Skype بارغانسېرى كۆچمە تىجارەت سودىگەرلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويغان بولۇپ، AT&T قاتارلىق شىركەتلەر بىر تەرەپتىن سۆزلىشىش ھەققىنى تۆۋەنلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن تور چىقىش سانلىق مەلۇمات پوچتا ھەققىنى كېڭەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن Skype نىڭ يانفوندىكى ئىستىقبالى قاراڭغۇلاشقان.
«نىيو يورك» ۋاقىت گېزىتىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى:«Skype نى سېتىۋېلىشتىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، مىكروسوفتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىتۋ.بالمېر بۈگۈنگىچە ئالاقە تورى مۇلازىمىتى بازىرىدا ئەڭ دانالىق بىلەن بىر قىياسنى ئوتتۇرىغا قويدى».
مىكروسوفت ئالدى بىلەن Skype نىڭ 107 مىليون ئابونتىغا ئېرىشتى، بۇ ئابونتلارنىڭ ئايلىق سۆزلىشىش ۋاقتى 100 مىنۇتتىن يۇقىرى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، Skype نى سېتىۋالغاندىن كېيىن، مىكروسوفت تېلېگراف بازىرىدىكى قىممىتى نەچچە 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان بىر شىركەتكە ئېرىشتى.
ھەممىگە مەلۇمكى، بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇنلىغان ئابونتلار ئەنئەنىۋى تېلېفون ۋە كۆچمە يانفونلاردىن Skype نىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تور تېلېفونى مۇلازىمىتىگە كۆچۈۋاتىدۇ. Skype غا ئىگە بولغان مىكروسوفت تور تېلېفونى ساھەسىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ساھەگە غايەت زور بېسىم ئېلىپ كېلەلەيدۇ.
گۇگېل بىلەن ئالما شىركىتى تور تېلېفونى ساھەسىگە كىرىشكىلى 10 نەچچە يىل بولۇپ قالدى. ئالما ئىزچىل بىلەن iChat بىلەن FaceTime غا كۈچەۋاتىدۇ. گۇگېلمۇ تور ئالاقىسىگە ئائىت مەھسۇلاتلار بولغان Chat ۋە Voice نى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەمما گۇگېل ۋە ئالمىدا ئورتاق ساقلانغان بىر مەسىلە شۇكى، ئۇلار ناھايىتى تەس ھالدا رەقىبلىرى سۇپىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئالما ئابونتلىرى بىلەن گۇگېل ئابونتلىرى مىكروسوفتنىڭ سىنلىق سۆزلىشىشخانىسىدا پىكىر ئالماشتۇرالمايدۇ. گەرچە گۇگېل سۇپىسى خېلى زور تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ناھايىتى كۆپ توسالغۇلارغا يولۇقۇۋاتىدۇ.
ئەمما Skype دا بۇ خىل مەسىلە يوق، ھەقسىز مۇلازىمەت بولۇش سۈپىتى بىلەن Skype نى ئالما، Linux ھەمدە Windows مەشغۇلات سىستېمىلىرى قاچىلانغان كومپيۇتېرلاردا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئۇ يەنە Android ۋە iPhone قاتارلىق تاختا كومپيۇتېر سىستېمىلىرىنى قوللايدۇ. ھەتتا ئۇ تېلېۋىزوردىمۇ ئىجرا بولىدۇ.
كەلگۈسىدە مىكروسوفت Skype نى Windows Phone 7، box 360 ساھەسىگە ئېلىپ كېرىشى، ھەتتا باشقا سۇپىلاردا Skype نىڭ يېنىدا يېڭىدىن مىكروسوفتنىڭ كىچىك Logo سى پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.