جۇڭشىن تورى گۈيگاڭ 5- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى: خۇاڭشى گۈيگاڭ شەھىرىدىكى 57 ياشلىق ئەر ئايالى بىلەن ئاشنىسىنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن ئۇلارنى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىغان. شۇنىڭ بىلەن ئايالى بىلەن ئاشىنىسى بىرلىشىپ ئۇنىڭ بېشىنى مال سۈيدۈكىگە تېققان. قاتتىق غەزەپلەنگەن ئەر مال بوغۇزلايدىغان پىچىقىنى چىقىرىپ ئۇلارنى ئېغىر يارىلاندۇرۇپ قېچىپ كەتكەن. 11- ماي ساقچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ساقچىلارنىڭ تېلېفوندا نەسىھەت قىلىشى بىلەن ئۇ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان. نۆۋەتتە ئۇ تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتىدۇ.
گۈيگاڭ شەھىرى ج خ ئىدارىسى گاڭبېي تارماق ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا، بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن مو** گۈيگاڭ شەھىرى گۈينەن رايونى چياۋيۈ بازىرىدىن بولۇپ، ئايالى بىلەن تەڭ دىمەتلىك. ئۇ باقمىچىلىق قىلىدىغان بولۇپ ئون نەچچە يىلدىن بىرى ئايالى بىلەن مال بېقىپ كەلگەن.2009- يىلى ئۇنىڭ ئانىسى ئاغرىپ قىلىپ، يۇرتقا بارماقچى بولۇپ قېلىپ، باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ ئىشلىرى ئايالىغا قالىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، مو** ئايالىنىڭ 60 نەچچە ياشلاردىكى ئاشيوڭ بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى توغرىسىدا خەۋەر ئاڭلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەر ئايال ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئايالى شۇنىڭدىن كېيىنچياۋيۈدىكى ئۆيىگە بارغىلى ئۇنىمايدۇ ۋە ئېرىغا ئاپىسىنى داۋالىتىش ئۈچۈن پۇلمۇ بەرمەيدۇ. شۇنداق قىلىپ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئاخىرىقى چەككە يېتىپ قالىدۇ.
بۇ يىل 5- ئايدا، مو** باقمىچىلىق مەيدانىغا بېرىپ ئايالى بىلەن ئاشيۇڭنىڭ ماللارغا يەم بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچەيلەن قاتتىق جىدەللىشىدۇ.ئايالى ۋە ئاشيوڭ بىرلىشىپ مو** نىڭ بېشىنى مال سۈيدۈكىگە چىلاپ، ئۇنىڭغا مال سۈيدۈكى ئىچكۈزۈۋىتىدۇ. غەزەپلەنگەن مو** مال سويىدىغان پىچاقنى ئېلىپ ئىككىسىنى چېپىۋىتىپ قېچىپ كېتىدۇ.نۆۋەتتە ئۇ ساقچىلارنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلدى.دېلو داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە.