27-ئاپرېل، كولومبىيەدىكى مېدېللىندا، يەرلىكتىكى كىشىلەر گۆمۈرلۈپ چۈشكەن تاغ باغرىدىكى خارابىلىكتىن ھايات قالغانلانى ئىزدىمەكتە
شۇ كۈنى، مېدېللىن شەھەر رايونىدا تاغ باغرى گۆمۈرلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى. قاتتىق ياغقان يامغۇرنىڭ تەسىرىدە كۆپ قېتىم كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، تاغ باغرى گۆمۈرلۈش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پۈتۈن دۆلەتتىكى 32 ئۆلكىنىڭ 28 ى تەسىرگە ئۇچراپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارنىڭ كۆلىمى 900 مىڭ گېكتارغا يەتتى. 67 ئادەم ئاپەتتە ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە 160 مىڭ نەپەر ساقچى تىك ئۇچارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 52 ئايروپىلان بىلەن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى جىددى ئېلىپ بارماقتا.