ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭلىسى پۇتىن 20-ئاپرېل 2010-يىللىق خىزمەتلەردىن دوكىلات بەرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، پۇتىن دوكىلات بېرىش يىغىنىدا ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپلا قالماستىن، رۇسىيەنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر قاتار يىرىك پىلانلارنى ئوتتۇرغا قويغان، يەنى كېيىنكى ئۈچ يىلدا 1 تىرىليون 500 مىليارد رۇبلى (53 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) مەبلەغ ئاجرىتىپ، نوپۇسنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى: پۇتىننىڭ بۇنداق قىلىشى مېدۋېدېۋنى تەنقىد قىلغانلىق، ئۇ كېلەر يىلقى سايلامدا زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئۈمىدىدە بولىۋاتىدۇ، دەپ قارىغان.