كىنىيەدە قارا شىمپەنزە ئەتىگەندە گىمناستىكا ئوينايدىكەن

2011-04-27 18:49:23   www.basbas.cn   نادىل
T|T:خەت رەزمىرى

كىنىيە دۆلەتلىك ھايۋاناتلار باغچىسىدا  بىر باھاتى ئىسىملىك قارا شىمپەنزە  ئەتىگەندە گىمناستىكا ئويناشنى ياخشى كۆرىدىكەن.   ئۇ ھەركۈنى ئويغانغاندىن كېيىن،15 مىنۇت ھەرىكەت قىلىدىكەن. ئىككى پۇتى ۋە ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مۇسكۇللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈۋەتكەندىن كېيىن بىر ئەسنىۋىتىپ يېڭى بىر كۈنىنى باشلايدىكەن. باخاتىنىڭ بۇ ھەركىتى نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى. 402 تىن ئارتۇق فوتوگراف ئۇنىڭ بۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان  جەريانىنى رەسىمگە تارتىۋالدى.