يولدا كېتىۋاتقان ئايالنىڭ بوينىدىكى زەنجىرنى بۇلاپ قاچقان ئەر تۇتۇلۇپ قالغاندا، قانۇننىڭ جازاسىدىن قورقۇپ ساقچىلارنىڭ ئالدىدىلا زەنجىرنى يۇتىۋەتكەن، تۈنۈگۈن جىنايەت گۇماندارى لى X قولغا ئېلىنغان.
3-ئاينىڭ 30-كۈنى، چېن خانىم بىلەن خىزمەتدىشى ۋېيفاڭدىن ياڭلۇغا كېتىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز بىر ئەر ئېتىلىپ كېلىپ چېن خانىمنىڭ بوينىدىكى ئالتۇن زەنجىرىنى تارتىپ ئېلىپلا كەينىگە بۇرۇلۇپ قاچقان، چېن خانىممۇ كەينىدىن مېڭىشىغا ئەر تەرىپىدىن بىر مۇش سېلىنىپ يەرگە يىقىلىپ چۈشكەن ، شۇنىڭ بىلەن چېن خانىم ۋە خىزمەتدىشى بىرلىكتە قوغلىغان، يۈگۈرۈپ 200 مىتىر ماڭغاندىن كېيىن، ھېلىقى ئەر تەمتىرەپ كېتىپ يېنىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىنىڭ كارىدورىغا كىرىپ قالغان، ئىككى ئايال كارىدورىنىڭ ئېغىزىنى توسۇۋالغان ھەمدە ساقچىغا مەلۇم قىلغان.
نەنگۈەن ساقچىخانىسىدىكىلەر نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا، ئەر بىنانىڭ بەشىنچى قەۋىتىنىڭ پەشتېقىدا تۈگۈلۈپ ئولتۇرغان، نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغان ئەر قولىدىكى زەنجىرنى ئېغىزىغا سېلىپ« يەنە ئازراق يېقىن كەلسەڭلەر بۇ زەنجىرنى يۇتىۋېتىمەن»دەپ تەھدىت سالغان ھەمدە تېز سۈرئەتتە زەنجىرنى يۇتىۋەتكەن.
گاڭگىراپ قالغان ساقچىلار بىمە بولغانلىقنىمۇ بىلەلمەي جىنايەتچىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان، لېكىن ئۇ داۋالاشنى قەتئىي رەت قىلغان، دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەر دوختۇرنىڭ سۇئاللىرىغىمۇ جاۋاب بەرمەي يالغاندىن ھوشسىز ھالەتكە چۈشۈۋالغان.
ئېنىقلىنىشچە، بۇ ئەرنىڭ فامىلسى لى، بۇ يىل 30 ياش، يۇرتى لىنيىدىن ئىكەن. بۇ ئەر توپتوغرا ئىككى كۈنى ھېچنىمە يىمىگەن، 4-ئاينىڭ 1-كۈنىگە كەلگەندە بەدىنى بەك ئاجىزلاپ كەتكەندىلا ئاندىن داۋالاشنى قۇبۇل قىلغان، 4-ئاينىڭ 2-كۈنى داۋالاش ئارقىلىق ئۇ يۇتىۋەتكەن زەنجىرنى چىقىرىۋالغان. بۇ زەنجىرنىڭ ئېغىرلىقى 13.02 گرام بولۇپ، قىممىتى 4950 يۈەن كېلىدىكەن، چېن خانىمنىڭ ئېيتىشىچە بۇ زەنجىرنى يولدىشى سوۋغا قىلغان ئىكەن.
قامىلىپ تۇرغان ۋاقىتلاردا لى X باشتىن-ئاخىر بۇلاڭچىلىق قىلىشتەك جىنايىتىنى ئىتىراپ قىلمىغان، 4-ئاينىڭ 18-كۈنى ج خ تارماقلىرى تەرىپىدىن رەسمىي قولغا ئېلىنغان.