تۆۋەن بېسىملىق تۇرۇبىلىق سۇغۇرۇش سىستېمىسى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

2011-04-23 10:53:15   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

تۆۋەن بېسىملىق تۇرۇبىلىق سۇغۇرۇش سىستېمىسى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

 ھەبىبەم نىياز
(قەشقەر شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى، 844000)

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، سۇ ئىشلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز راۋاجلانماقتا ھەم ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلدىكى سۇغۇرۇش سىستېمىلىرى بارلىققا كەلمەكتە. تۆۋەن بېسىملىق سۇغۇرۇش سىستېمىسى بولسا، مۇشۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل سۇغۇرۇش سىستېمىسى بولۇپ، بۇ ئادەتتە سۇ باشلاش، يەر يۈزىدە ئەركىن سۇغۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
      تۆۋەن بېسىملىق تۇرۇبىلىق سۇغۇرۇش سىستېمىسى بولسا ئاساسەن سۇ بايلىقى كەم بولغان، قۇدۇق سۈيى بىلەن سۇغۇرۇلىدىغان رايونلاردا ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ، بولۇپمۇ شىمالىي رايونلاردا كۆپرەك ئومۇملاشقان.
      شىمالىي جۇڭگودىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ 1989 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تۆۋەن بېسىملىق تۇرۇبىلىق سۇغۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق سۇغۇرۇلىدىغان يەر كۆلىمى تەخمىنەن 30 مىليون موغا يەتكەن، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ خىل سۇغۇرۇش ئۇسۇلى سۇ ۋە ئېنېرگىيەنى تېجەش، سۇغۇرۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن ھەرقايسى رايونلارنىڭ تەبىئىي ۋە ئىقتىسادىي شارائىتلىرى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، تۆۋەن بېسىملىق تۇرۇبىلىق سۇغۇرۇش سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلى ۋە تۇرۇبا ماتېرىياللىرىنىڭ خىللىرىمۇ تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.
      تۇرۇبىلارنى ياتقۇزۇشقا كەلسەك، بۇنىڭ ئوخشاش بولمىغان تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تۈرلۈك شەكىللىرى بار:
      1. تۇراقلىق يەر ئاستى تۇرۇبا شەكلى
      بۇنداق شەكىلدە ھەر خىل تۇرۇبىلارنىڭ ھەممىسى يەر ئاستىغا كۆمۈلىدىغان بولۇپ، بۇ تۇرۇبىلار ئۈچ ئېغىزلىق تۇرۇبىلاردىن پايدىلىنىپ ياكى كىلاپان ئارقىلىق سۇنى ئايرىپ ۋە تەڭشەپ بېرىدۇ. سۇ چىقىش ئېغىزىدىن چىققان سۇ يەر يۈزىگىچە چىقىپ، ئېرىقچىلار ۋە چۆنەكلەر ئارقىلىق ئېتىز سۇغۇرۇلىدۇ.
      بۇ خىل تۇرۇبىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى: يەرنى ئاز ئىگىلەيدۇ، يەر ھەيدەشكە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، سۇنى ۋە ئېنېرگىيەنى كۆرۈنەرلىك تېجەپ قالىدۇ، سۇغۇرۇش ئۈنۈمى يۇقىرى.
     يىتەرسىزلىكى: سېلىنما بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ.
      2. يېرىم تۇراقلىق تۇرۇبا شەكلى
      بۇ خىل شەكىلدە غول تۇرۇبا ياكى غول تارماق تۇرۇبىلار يەر ئاستىغا كۆمۈلىدى، يەر ئۈستىگە چىقىپ تۇرغان سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانى ھەرىكەتچان تۇرۇبىلار بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئېتىزدىكى چۆنەكلەرگە سۇ قۇيۇلىدۇ.
      3. يەر يۈزىدە يۆتكىلىشچان تۇرۇبا شەكلى      بۇ خىل شەكىلدە قۇدۇق ئاغزىدىن ئېتىزغا بارغىچە تۇرۇبىلارنىڭ ھەممىسى يەر ئۈستىدە بولۇپ، يۆتكەشكە قۇلايلىق، غول تۇرۇبا قاتتىق سۇلياۋ تۇرۇبىدىن شەكىللىنىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا بولسا غول ۋە يان تۇرۇبىلارمۇ ئوخشاشلا يۇمشاق تۇرۇبىلاردىن بولىدۇ.
      بۇ خىل تۇرۇبىنىڭ ئارتۇقچىلىقى: ھەرىكەتچان بولغاچقا ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولۇپ، يەر تۈزۈلۈش شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، مەبلەغ سەرپىياتىمۇ كۆپ بولمايدۇ.
    يېتەرسىزلىكى: بۇ خىل تۇرۇبىلارنى كۆپ قېتىم ئۇيان - بۇيانغا يۆتكەپ تۇرغاچقا مەبلەغ ۋە ئەمگەك كۈچى كۆپ سەرىپ بولىدۇ، يەرنى كۆپ ئىگىلەيدۇ، ئوڭايلا زىرائەتلەرگە دەخلى يەتكۈزىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرىقى ئىككى خىل شەكىلدىكى تۇرۇبىلارغا قارىغاندا نىسبەتەن تۆۋەنرەك بولىدۇ.
      4. تۆۋەن بېسىملىق تۇرۇبا شەكلى
      بۇ خىل تۇرۇبىلارنى ئىشلەتكەندە مەخسۇس تۇرۇبىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلىنىلا ئويلىشىپ قالماستىن، بەلكى يەنە تۇرۇبا ماتېرىياللىرىنىمۇ مۇۋاپىق تاللاش كېرەك. بۇنداق بولغاندا تۆۋەن بېسىملىق تۇرۇبىلىق سۇغۇرۇش سىستېمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەم تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق.
      ھازىر مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىي رايونلىردا بىرقەدەر كۆپرەك قوللىنىلىۋاتقان تۇرۇبا ماتېرىياللىرى تۆۋەندىكىچە:
      1. بېتون تۇرۇبىلار:
      بېتون تۇرۇبىلار كۆپىنچە دىئامېتىرى 200 مىللىمېتىردىن چوڭ بولغان يەر ئاستى تۇرۇبىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ تەننەرخى سۇلياۋ تۇرۇبىلاردىن ئەرزان، بۇ تۇرۇبىلارنىڭ ئۇزۇنلىقى بىر مېتىر، قېلىنلىقى ئۈچ سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆزئارا تولغىما ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلىدۇ.
      2. قاتتىق سۇلياۋ تۇرۇبا:
      بۇ خىل تۇرۇبىلارنىڭ يۈز قىسمى سىلىق بولۇپ، چىداملىق، ئىشلىتىشكە قۇلايلىق بولىدۇ، شۇنداقلا كۆمۈلگەن توپىنىڭ بېسىمىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇبا قېلىنلىقىنى كىچىكلەتكىلى، بۇ ئارقىلىق تەننەرخنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بۇ خىل تۇرۇبىلارنىڭ سىرتقى دېئامېتىرى ئاساسەن061 مىللىمېتىر، 521 مىللىمېتىر، 110 مىللىمېتىر بولىدۇ.
      3. يەر ئاستىغا كۆمۈلىدىغان يۇمشاق سۇلياۋ تۇرۇبىلار:
   بۇ خىل تۇرۇبىنىڭ قېلىنلىقى 0.5 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنى يەر ئۈستىدە يۆتكەپ تۇرۇپ سۇغىرىشقا ئىشلىتىپلا قالماستىن، يەنە يەر ئاستىغا كۆمۈپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
      يۇقىرىدا سۆزلەنگەن تۇرۇبىلارنى تۆۋەندىكى ئۇسۇللاردا ئىشلىتىشكە بولىدۇ:
      تۇرۇبا كۆمۈلىدىغان ئېرىقچە 40ⅹ60 سانتىمېتىر ئەتراپىدىكى چوڭقۇرلۇقتا كولىنىدۇ، يەنى كولاش چوڭقۇرلۇقى توڭ توپا قاتلىمىنىڭ ئاستىغىچە بولىدۇ. ئېرىقچىنىڭ ئاستىغا سېمونت توپا ئارىلاشمىسى تەگلىك قىلىپ قويۇلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇمشاق تۇرۇبا، ئۈچ ئېغىزلىق تۇرۇبا، كىلاپان قاتارلىق زاپچاسلار قۇراشتۇرۇلۇپ ئېرىقچىنىڭ ئىچىگە قويۇلىدۇ. ئاندىن سۇ ماڭدۇرۇلىدۇ. يۇمشاق تۇرۇبىلارنى ئىشلەتكەندە سۇغۇرۇش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن تۇرۇبا ئىچىدە 0.2 مىللىمېتىردىن چوڭراق بولغان سۇ گورزۇنتىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا تۇرۇبىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.