دەريا باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ سۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلايلى

2011-04-23 10:49:40   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

دەريا باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ سۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلايلى

ئاينۇر مەمەت
(قەشقەر دەريا باشقارمىسى، 844000)

      دەريا باشقۇرۇش خىزمىتى بولسا مۇناسىۋەتلىك دائىرىسى كەڭ، مۇرەككەپ، جاپالىق خىزمەت بولۇپ، باشقا سۇچىلىق خىزمەتلىرىدىن ئالاھىدە پەرقىلىنىدۇ. چۈنكى: دەريانىڭ ئۇزۇنلۇقى، چوڭ - كىچىكلىكى، جايلىشىش ئورنىنىڭ گېئولوگىيەلىك تۇپراق تەركىبى، دەريا شەكىللەندۈرگەن ۋادا شارائىتى، ۋادا كۆلىمى، ۋادىدىكى ئۆسۈملۈك تۈرى، ئولتۇراقلاشقان خەلقنىڭ ئۆرپ - ئادىتى، تېرىلغۇ زىرائەتلەرنىڭ پەرقلىق ئالاھىدىلىكى ۋە باشقا كۆپ خىل ئامىللار دەريالارغا ھەر ۋاقىت تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دەريا سۈيىنى مۇۋاپىق توغرا ئۇسۇلدا ئىشلىتىش - ئىشلەتمەسلىكمۇ دەريالارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. دەريا سۇ مەنبە رايونىدىكى مۇزلۇقلار، قىش پەسلىدە ياغقان قارلار، ياز پەسلىدە ياغقان يامغۇرلار، يەر ئاستى بۇلاق سۇلىرى، يىغىلىپ دەريا سۈيى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىدىغان ئاددىي ساۋات بولۇپ، بۇلغانمىغان پاكىز سۇ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل سۇلار خەلق تۇرمۇشىغا، يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق، سانائەت، شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە باشقا ھەرقانداق ئىشلارغا خاتىرجەم ئىشلىتىشكە بولىدىغان سۇ بولۇپ نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بىراق جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشى، شەھەرلىشىشنىڭ تېز بولۇشى، يەر ئاستى بايلىقىنى ئىقتىسادىي بايلىققا ئايلاندۇرۇش، تېز سۇرئەتتە سانائەتلىشش تەسىرىدە دەريالار ئوخشاش بولمىغان بۇزغۇنچىلىق ۋە بۇلغىنىش تەسىرىگە ئۇچرىماقتا.
      دەريا باشقۇرغۇچى ھەرقايسى تارماقلار ۋە ئورۇنلار دەريانىڭ ئوتتۇرا ئېقىنلىرىغا مەسئۇل بولۇش، باش - ئاخىرى بىلەن كارى بولماسلىق، دەريانى باشقۇرۇش، تۈزەش، تەرتىپكە سېلىش جەھەتتە مەبلەغ يېتەرلىك بولماسلىق، ئىقتىساد كەمچىل بولۇش، ئادەم يېتىشمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەرمۇ دەريا باشقۇرۇش خىزمىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر. دەريا باشقۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، سۇ سۈپتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مېنىڭچە بولغاندا تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەش كېرەك:
      1. سۇچىلىققا ئائىت تۈرلۈك قانۇن - نىزاملارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىي ئىجرا قىلىش، يەنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ سۇ قانۇنى»، «دەريا باشقۇرۇش نىزامى»، «كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش قانۇنى»، «سۇ - تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»، شۇنداقلا تۈرلۈك بۇلغانمىلارنى چەكلەش نىزاملىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ يولغا قويۇش چارىلىرى قاتارلىق قانۇن - نىزاملارنى سۇچىلىق خادىملىرى ئەستايىدىل ئۆگىنىپلا قالماستىن، يەنە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ تولۇق خەۋەردار بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تەشۋىقات - تەربىيە سالمىقىنى زورايتىش، شۇ ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىغا دەريا ۋە سۇغا قارىتا تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سۇدىن ئىبارەت بۇ چەكلىك بايلىقنى خەلق ئىگىلىكى، يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، خەلق تۇرمۇشى، شەھەر قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا پۈتكۈل ھاياتلىقنىڭ جان - تومۇرى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سۇنى ئاسراش ۋە قوغداش ئېڭىنى پەيدىنپەي كۈچەيتىش كېرەك.
      2. دەريا يۇقىرى ئېقىنلىرىنى قەرەللىك ۋە قەرەلسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىلگىرى قۇرۇلغان ۋە يېڭىدىن قۇرۇلىۋاتقان تاغلىق رايونلاردىكى كان - كارخانىلارغا قارىتا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. يەنى:
      (1) كان - كارخانىلارنىڭ دەريادىن خالىغانچە سۇ ئېلىش ئەھۋالى، كان - كارخانىلاردىن چىقىرىلغان بۇلغانما ئەھۋالى، مىقدارى، بۇلغانما دەرىجىسى قاتارلىقلارنى ياخشى ئىگىلەپ، ھەر ۋاقىت مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ھەمكارلىشىپ، سۇ ئېلىش ئىجازەتنامىسى بولمىغان، بۇلغانما چىقىرىش تەكشۈرۈش ئىسپاتى بولمىغان، كان بايلىقىنى قېزىش ئىجازەتنامىسى بولمىغان زاۋۇت، كان - كارخانىلارنى ئىشلەپچىقىرىشتىن قەتئىي توختىتىش، تەرتىپكە سېلىش، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ھازىرلاپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا رۇخسەت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى بىجىرگەندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك.
      (2) ھەرقايسى كان - كارخانىلارغا قارىتا ئىشلەتكەن سۈيىنى تەپسىلىي ھېسابلاش، ئىشلەتكەن سۈيىگە قارىتا ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىش، بولۇپمۇ سۇ ھەققى بىلەن سۇ مەنبە ۋە بايلىق مەنبە ھەققىنى بىر تۇتاش يىغىش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك.
      3. ھەرقايسى دەريالارنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنلىرىغا قارىتا باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. كونكرېتنى قىلىپ ئېيتقاندا، ئاپتونۇم رايونىمىزدا شەھەرلەر تارىم دەرياسى ۋە باشقا ھەرقايسى چوڭ - كىچىك دەريالار بويىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، شەھەر تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، ئەۋرەز سۇلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرى ئۈنۈملىك يۈرۈشلەشمىگەچكە، دەرياغا قالايمىقان قويۇۋېتىش، دەرياغا تۆكۈش، دەريا قاش مۇ داپىئە دامبىلىرىنى ئەخلەت بىلەن تىندۇرۇش ئەھۋاللىرى ئېغىر دەرىجىدە كۆرۈلۈپ دەريا سۈيى سۈپىتىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەكتە.
      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەتلىرى، سۇچىلىق تارماقلىرى، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ تۈزىتىش، تەرتىپكە سېلىش، چەكلەش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرى ئىشلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت بولماقتا. شۇڭلاشقا دەريا باشقۇرۇش تارماقلىرى، شەھەر قۇرۇلۇشى ئورۇنلىرى، مۇھىت ئاسراش ئورۇنلىرى دەريا سۈيىگە قارىتا نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، قانۇننى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، كېرەكسىز ئەخلەتلەرنىڭ دەريا قاش دامبىلىرىغا تۆكۈلۈشىنى ئۈنۈملۈك ھالدا چەكلەپ، ئەۋرەز سۇلىرىنى مەخسۇس بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرىغا يوللاش، تۇرۇبا يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق، دەرياغا قويىۋېتىلىدىغان قانۇنسىز قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.
      4. دەريادىن قۇم، شېغىل، ئالتۇن ۋە باشقا بايلىقلارنى قېزىپ پايدىلىنىش قىلمىشلىرىغا قارىتا ئەتراپلىق پىلانلاش، تەرتىپكە سېلىش، تۈر تۇرغۇزۇش، قېزىلىش دائىرىسىنى بەلگىلەش، قېزىش مىقدارىنى بېكىتىش، قانۇن بويىچە قېزىلما بايلىق  ھەققىنى يىغىش خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، دەريانى قالايمىقان قازىدىغان، دەريا ئېقىن يوللىرىنى ئۆزگەرتىدىغان قىلمىشلارغا قەتئىي زەربە بېرىپ، ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈش ۋە نازارەتچىلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.
      5. دەريالارنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا قارىتا باشقۇرۇش خىزمىتىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يەنى دەريالارنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش، يەر ئېچىش، ئورمان قويۇش، غوللۇق زىرائەتلەرنى تېرىش ۋە باشقا قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىشنى قاتتىق چەكلەپ، دەريا ئېقىنلىرىنىڭ راۋان بولۇشىغا، قەرەللىك ۋە قەرەلسىز كېلىدىغان ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى كەلكۈنلەردىن بىخەتەر ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەسىلەن: قەشقەر دەريا باشقارمىسىنى ئالساق، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك:
      (1) قەشقەر دەريا ۋادىسى بوغۇز دەرياسى، قىزىل دەرياسى، گەز دەرياسى، كۈسەن دەرياسى،ئىگىزيا دەرياسى ۋە چاقماق دەرياسى قاتارلىق ئالتە چوڭ دەريانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
      (2) قەشقەر دەرياسىنىڭ 1977 - يىلىدىن 2008 - يىلىغىچە بولغان كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە سىرغىم مىقدارى 4مىليارد 330 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ.
      (3) قىزىل دەرياسى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ئىچىدىكى ئالەي چوققىسىدىن باشلىنىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 778 كىلومېتىر، ئۇنىڭ 600 كىلومېتىرى دۆلىتىمىز چېگرىسى ئىچىدە، 178 كىلومىتىرى چېگرا سىرتىدا.
      (4) قەشقەر دەريا ۋادىسىنىڭ سۇغۇرۇش كۆلىمى 5 مىليون 500 مىڭ مو بولۇپ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 4 مىليون 500 مىڭ موغا يېتىدۇ.
      (5) قىزىل دەرياسىنىڭ سۇغۇرۇش كۆلىمى 3 مىليون 140 مىڭ 600 مو بولۇپ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1 مىليون 783 مىڭ 300 موغا يېتىدۇ.
      دەريا باشقۇرۇش خىزمىتىدە سۇنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنىمۇ ئالاھىدە ئويلىشىش كېرەك. بولۇپمۇ سۇنىڭ لاتقا مىقدارى، تۇز مىقدارى، سۇنىڭ ئىشقارلىق دەرىجىسى، ph قىممىتى ۋە سۇ تەركىبىدىكى باكتېرىيەلەرنى ئالاھىدە نەزەرگە ئېلىش كېرەك. دەريا باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ياخشى - يامان بولۇشى سۇ باشقۇرغۇچى خادىملار كەسپىي ساپاسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى، سۇ ئولچەش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تېخنىكىلىق دەرىجىسى، دەريا سۇ قۇرۇلۇشى سۈپىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى سۇغۇرۇش سۈيىدىن پايدىلىنىش كوئېففىنسېنتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا دەريا باشقۇرۇش خىزمىتىدە بۇ خىزمەتلەرنى كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن ئەستايىدىل ئىشلەش ئارقىلىق، دەريانى ئورتاق پىلانلاش، بىر تۇتاش پايدىلىنىش، ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش، مۇۋاپىق ئېچىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، سۇ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئەنئەنىۋى سۇچىلىقنى زامانىۋى سۇچىلىققا يۈزلەندۈرۈپ، چەكلىك بولغان سۇ بايلىقىدىن ئۈنۈملۇك پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلەتكىلى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنىڭ مۇقىم ۋە تېز، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئىتتىپاق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ھەر مىللەت خەلقىنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش نىشانىغا يەتكىلى، ئىنسانلارنى پاكىز سۇ بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىنسانىيەتكە بەخت ياراتقىلى بولىدۇ.