يېمەكلىك ۋە سالامەتلىك ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

2011-04-23 10:45:01   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

يېمەكلىك ۋە سالامەتلىك ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

ئاينۇر ئابلىمىت
(شىنجاڭ ماھارەت تەنھەرىكەت مەكتىپى، 830000)

      تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن كېسەللىكلەر ئاساسلىقى بەدەنگە ئېھتىياجلىق بولغان ماددىلارنىڭ يېتىشمەسلىكى ۋە تەڭپۇڭسىزلىقى سەۋەبىدىن بولىدىكەن.
      نۇرغۇن كىشىلەر ماددىي تۇرمۇش شۇنچە باياشات بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بەدىنىمىز ئېھتىياجلىق بولىدىغان ماددىلارغا ئېرىشەلمەي قالارمۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە دەل مۇشۇ ماددىي باياشاتلىق بىزنى بىر مەيدان ئوزۇقلۇق كىرىزىسىغا سۆرەپ كىرمەكتە. بىر قىسىم كىشىلەر بەدىنىنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق، قانچىلىك ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، نېمىلەرنى يېيىش، قانداق يېيىش، نېمىلەرنى يېمەسلىك كېرەكلىكىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ، ئۆز قىزىقىشى بويىچە مۇۋاپىق بولمىغان ياكى سالامەتلىككە زىيانلىق بولغان يېمەك - ئىچمەكلەرنى تاللىۋالىدۇ - دە، بەدىنى ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولغان ماددىلارغا ئېرىشەلمەي قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدىنىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ، بۇ خىل ھالەت ئۇزۇن داۋاملاشسا ئادەم تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولىدۇ. ئۇنداقتا، كىشىلەر ياخشى ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، سالامەتلىككە كاپالەتلىك قىلىشتا قانداق نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك؟
      بىرىنچى، كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنىنى تولۇق تونۇپ يېتىشى كېرەك
      ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلگەن ماددىلار خۇسۇسىيىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، فىزىيولوگىيەلىك جەھەتتە كىسلاتالىق (نىسپىي سوغۇق) ۋە ئىشقارلىق (نىسپىي ئىسسىق) دەپ ئايرىلىدۇ. تەركىبىدە كالىي، ناترىي، كالتسىي، ماگنىي قاتارلىق ئىئونلار كۆپرەك بولغان يېمەكلىكلەر ئىشقارلىق يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. تەركىبىدە فوسفور، گۈڭگۈرت، خلور قاتارلىق ئانىئونلار كۆپرەك يېمەكلىكلەر كىسلاتالىق يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.
      ھەرقانداق يېمەكلىك ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا ھەزىم بولغاندىن كېيىن، مەيلى ئۇ كىسلاتالىق ياكى ئىشقارلىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلىسۇن، ھاسىل قىلىدىغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ئادەم بەدىنىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. قەنت پارچىلىنىپ، كاربون تۆت ئوكسىد بىلەن سۇ ھاسىل قىلىدۇ. ئاقسىللاردىكى ئازوت ئۇرېيەگە ئۆزگىرىپ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ. بەدەنگە قوبۇل قىلىنغان يېمەكلىكلەردىن ناترىي، كالىي، كالتسىي قاتارلىقلار كۆپرەك ئېشىپ قالسا، ئۇنداق يېمەكلىكلەر ئىشقارلىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلەيدۇ. ئەمما ئۇلار فوسفات كىسلاتاسى، خلور ئىئونى ۋە گۈڭگۈرت ئىئونىنى ھاسىل قىلغان بولسا، ئۇنداق يېمەكلىكلەر كىسلاتالىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: بانان، تاۋۇز، ئالما، نەشپۈت، تەرخەمەك، لامنارىيە، سەۋزە، چامغۇر، كانىماش (دادۇر) قاتارلىق مېۋە - كۆكتاتلار كىسلاتالىق دەپ قارالسىمۇ، لېكىن ئاشقازاندا پارچىلىنىشتىن ھاسىل بولغان ماددىسى ئىشقارلىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلىگەنلىكتىن، ئۇلار ئىشقارلىق يېمەكلىك تۈرىگە كىرىدۇ. ئاپېلسىن گەرچە كىسلاتالىق يېمەكلىك بولسىمۇ، لېكىن ئاشقازانغا كىرىپ پارچىلانغاندا ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتنى ئىپادىلىگەنلىكتىن، ئۇ ئىشقارلىق خاراكتېرگە ئىگە بولىدۇ. توخۇ گۆشى، كالا گۆشى، كەپتەر گۆشى، راك، ئۇن، تۇخۇم سېرىقى، يەر ياڭىقى، پىۋا، گۈرۈچ، قوي گۆشى قاتارلىقلار ئاشقازاندا پارچىلانغاندا، كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتنى ئىپادىلەيدىغان ماددىلارنى ھاسىل قىلغانلىقتىن، كىسلاتالىق يېمەكلىك تۈرىگە كىرىدۇ. يېمەكلىكلەرنىڭ كىسلاتالىق ياكى ئىشقارلىق بولۇشى ئادەم بەدىنىدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ كىسلاتا - ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىستېمال قىلىنغان ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر كاربون تۆت ئوكسىد بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ، كاربوناتلىق تۇزلارنى ھاسىل قىلىپ، سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ. كىسلاتالىق يېمەكلىكلەر بۆرەكتە ئاممىياك بىلەن بىرىكىپ، ئاممونىي تۇزلىرىنى ھاسىل قىلىپ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىپ، بەدەننىڭ نېيتراللىقىنى ساقلايدۇ. كىسلاتالىق يېمەكلىكلەر كۆپرەك ئىستېمال قىلىنسا، قاننىڭ بوفېرلاش رولى (مۇقىم قىممىتى) تۈگەپ، قان كىسلاتالىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا كالتسىي قاتارلىق ئىشقارلىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلەيدىغان ئېلېمېنتلار سەرپ بولغانلىقتىن، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئارتىپ كېتىدۇ - دە، ئادەمنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ، بەدەندە كالتسىي كەملىك كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاشقازاندا كىسلاتا كۆپىيىپ، تېرە قۇرغاقلىشىپ، قەۋزىيەت بولۇپ، چىشقا قۇرت چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلاردا ئۈگىلەر ئاغرىش، قان بېسىمى ئۆرلەش، ئارتېرىيە قان تومۇرى قېتىش، مېڭە تومۇرلىرى قاناش، ئاشقازاندا يارا پەيدا بولۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تەركىبىدە مىنېرال ماددىلار كۆپرەك بولغان ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر (ئاپېلسىن، ماندارىن، لامنارىيە قاتارلىقلار) ئىستېمال قىلىنسا، بۇلار قاندىكى كىسلاتالىق ماددىلارنى نېيتراللاپ، قاننىڭ خۇسۇسىيىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ (قان ئاجىز ئىشقارلىققا ئۆزگىرىدۇ). گۈرۈچ تامىقى ۋە بېلىقلار ئىستېمال قىلىنسا، قان كىسلاتالىققا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ - دە، ئادەمنىڭ كىسلاتادىن زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نۇرغۇن خىلدىكى گۆش تەركىبىدە فوسفور ۋە گۈڭگۈرت مىقدارى كۆپ بولغانلىقتىن، ئۇلار ئاشقازاندا پارچىلىنىپ، فوسفات كىسلاتاسى ۋە ئۇنىڭ تۇزلىرىنى ھاسىل قىلىپ، كىسلاتالىقنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا گۆشنى كۆپ ئىستېمال قىلىش قاننىڭ ئىشقارلىقتىن كىسلاتالىققا ئۆزگىرىشىدىكى ئاساسىي ئامىلدۇر.
      ئىككىنچى، شېكەرنىڭ سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تولۇق تونۇپ يېتىش كېرەك
      ئاز مىقداردىكى شېكەرمۇ ئادەم تېنىدىكى ھورمون ۋە ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ، تەننىڭ فىزىيولوگىيەلىك ھالىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، سالامەتلىككە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، شېكەر تەتۈر ئوزۇقلۇق بولۇپ، بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، بەدەندىكى ئوزۇقلۇقلارنى خورىتىپ، كالتسىينىڭ سۈيدۈك ئارقىلىق ئېقىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدۇ، تەن بولسا سۆڭەكتىكى بىر قىسىم كالتسىينى قانغا يۆتكەپ، كالتسىينىڭ قاندىكى قويۇقلۇقىنى ساقلايدۇ، شۇڭا كۆپ مىقداردا شېكەر ئىستېمال قىلغاندا سۆڭەك شالاڭلىشىشنى پەيدا قىلىدۇ. شېكەر يەنە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ماگنىي، خروم ۋە سىنك قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرىنىڭ يېتىشمەسلىكىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر ئاسانلا زۇكام ۋە باشقا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدۇ. شېكەر يەنە كالتسىي بىلەن فوسفورنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ، ئادەم تېنىنىڭ ئاقسىلنى ئامىنو كىسلاتاسىغا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ساغلاملىق ئۈچۈن ئامال بار شېكەردىن يىراق تۇرۇشى، ھېچ بولمىغاندا مىقدارىنى ئازايتىشى كېرەك.
      ئۈچىنچى، ئىنچىكىلەپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىنى بىلىش كېرەك
      يۇقىرى دەرىجىدە بىر تەرەپ قىلىنغان ئېسىل ئۇن ۋە گۈرۈچلەردە شېكەردىن باشقا ئوزۇقلۇق تەركىبلەر يوق دېيەرلىك بولىدۇ. بىرتەرەپ قىلىنىش دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، شېكەردىن باشقا ئوزۇقلۇق تەركىبلەر شۇنچە يوق دېيەرلىك بولىدۇ. شۇڭا بۇلارمۇ شېكەرگە ئوخشاشلا زىيانلىق بولۇپ، ناھايىتى ناچار تەتۈر ئوزۇقلۇق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئېسىل ئۇن ۋە گۈرۈچلەر پىششىقلاپ ئىشلىنىش جەريانىدا، دانلاردىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ ھەممىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ماي كىسلاتاسى ۋە تالا ماددىلىرىمۇ بۇزغۇنچۇلۇققا ئۇچرايدۇ. شۇڭا ئېسىل ئۇن ۋە گۈرۈچلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، گەرچە قورساق ياخشى تويغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولىدىغان ماددىلارغا ھەقىقىي ئېرىشكىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، كۆپ يېگەنسېرى كېرەكلىك ماتېرىياللارغا بولغان ئېھتىياج شۇنچە ئېشىپ بارىدۇ - دە، بەدەندە ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ.
      تۆتىنچى، يېمەكلىك مايلىرىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىپ يېتىش كېرەك
      ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولىدىغان، تەبىئىي تۈزۈلۈشتىكى ماي كىسلاتالىرى ئوڭ شەكىللىك مايلار دەپ ئاتىلىدۇ، ئادەم تېنىدىكى ھۈجەيرە پەردىسىگە يىغىلغان مايلار تەبىئىي تۈزۈلۈشتە (ئوڭ شەكىللىك) بولغاندا، ئادەم ساغلام ھالىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. مايلار قىزدۇرۇلۇپ تېمپىراتۇرىسى 100 گىرادوسقا يەتكەندە ئوڭ شەكىللىك مايلارنىڭ مولېكۇلا تۈزۈلۈشى ئۆزگىرىپ زەھەرلىك مايغا ئايلىنىپ قالىدۇ، بۇ خىل مايلار ئادەتتە تەتۈر شەكىللىك مايلار، دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل مايلار ھۈجەيرىلەردىكى ماددا ئالماشتۇرۇشنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ سالامەتلىككە تەھدىت سالىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى سۈپەتلىك زەيتۇن يېغى، زىغىر يېغى، خاسىڭ يېغى، كۆممىقوناق يېغى، كۈنجۈت يېغى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھېچقانداق بىر تەرەپ قىلىنمىغان يىمەكلىكلەر )مەسىلەن: قاتتىق پوستلۇق مېۋە( ئارقىلىق پايدىلىق بولغان ماي كىسلاتالىرىنى يېڭىلاپ تۇرۇش كېرەك. يەنە يېڭى ھەم سۈپەتلىك گۆش، تۇخۇم، بېلىق قاتارلىقلارمۇ ماي كىسلاتالىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى كېلىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. بىراق بۇلارنىڭ ماي كىسلاتالىرى يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا ئاسانلا بۇزۇلۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا يېمەكلىك تەييارلاشتىن ئامال بار ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
      تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قۇرۇلمىسىدىمۇ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. كونىلاردا «ساغلاملىق - بىباھا گۆھەر» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار. ساغلاملىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم ئوزۇقلىنىش ئادىتىمىزنى توغرىلاپ، تۇرمۇشىمىزنى قانۇنىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرىشىمىز كېرەك.
      پايدىلانمىلار:
      [1]«شىنجاڭ ئالدىنى ئېلىش تېببىي ئىلمى» [2009] - يىللىق سانلىرى، ئۇيغۇرچە
      [2]«ساقلىق ساقلاش» [2009]- يىللىق سانلىرى، ئۇيغۇرچە