يېڭى ئىقتىسادىي دەۋردىكى پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىقى ۋە ئۇنىڭ تەرجىمانلارغا قويىدىغان تەلىپى
سوفىيە شېرىپ
(ئاپتونوم رايونلۇق يېزا كەسىپ - تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزى، 830011)
يېڭى ئىقتىسادىي دەۋرنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا تېخىمۇ كەڭ ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئالاقە ئېلىپ بېرىشى، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى ھەم ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىلدى. پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىقى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى پەن - تېخنىكا بىلىملىرى ۋە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش، توپلاش، تەرجىمە قىلىش، رەتلەش قاتارلىق ھالقىلارنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن ئېھتىياجلىق بولغۇچىلارغا توغرا ھەم ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بىر تۈرلۈك خىزمەتتۇر. پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىقى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئارىسىدىكى باشقىلارنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىدىغان، مۇھاكىمە قىلىدىغان ۋە قوبۇل قىلىدىغان كۆۋرۈكتىن ئىبارەت بولۇپ، خەلقئارا ئۇچۇر ئالاقىسى، جۈملىدىن ئومۇمىي خەلقنىڭ پەن - تېخنىكا ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتە بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينىماقتا.
بىرىنچى، پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىقى يېڭى ئىقتىسادىي دەۋردە دۇچ كېلىدىغان خىرىس
يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى، بىلىم ئىگىلىكى تەرەققىياتى ھەم ئىقتىساد ۋە تېخنىكىنىڭ يەر شارىلىشىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىماقتا.
نۆۋەتتە، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بىر دۆلەتنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى ھەم يېڭى ئىقتىسادىي دەۋرنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندى. يېڭى ئىقتىسادىي دەۋردە يەر شارى ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىش سۈرئىتى تېزلەشكەنلىكتىن، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالاقە تېخىمۇ كېڭەيمەكتە، پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىقىنىڭ رولى تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە، ئۇنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىشتىكى قىممىتى كۈنسېرى زورايماقتا. پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىق سۈپىتىنىڭ ياخشى ياكى ناچار بولۇشى باشقا ئەللەردىن كىرگۈزۈلگەن تېخنىكىلارنى قوبۇل قىلغان ئاساستا قايتا يېڭىلىق يارىتىشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىقىغا ھەم مۇنەۋۋەر پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىرى قوشۇنىغا مۇھتاج بولىدۇ. شۇڭا پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىقىغا ئالاقىدار تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىقى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، يېڭى ئىقتىسادىي دەۋرنىڭ ئېھتىياجىدۇر.
يۇقىرى پەن - تېخنىكا ئۇچقاندەك راۋاجلىنىۋاتقان، كومپيۇتېر، كۆپ ۋاسىتىلىك مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە تور تېخنىكىسى ئومۇملاشقان بۈگۈنكى كۈندە، مەملىكىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان خەلقئارا رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلەشمەكتە، بۇنىڭ بىلەن پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىقىمۇ خەلقئارا بازارغا سىڭىپ كىرمەكتە. نۆۋەتتە، پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىقىنى يېڭى ئىقتىسادىي دەۋرنىڭ تەلىپىگە قانداق ماسلاشتۇرۇپ، كەسكىن رىقابەتتە مۇستەھكەم پۇت تىرەپ تۇرۇش پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىقىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
ئىككىنچى، يېڭى ئىقتىسادىي دەۋرنىڭ پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىرىغا قويىدىغان تەلىپى
يېڭى ئىقتىسادىي دەۋردە كىشىلەرنىڭ تەرجىمە خىزمىتىگە نىسبەتەن ئېھتىياجى بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا. گەرچە ھازىر مەملىكىتىمىزنىڭ تەرجىمانلار قوشۇنىدا ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى بازار ئىگىلىكىگە قوشۇۋاتقان تۆھپىسى زور بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم پەن - تېخنىكا تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتى يەنىلا كىشىنى قانائەتلەندۈرەلمەيۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساسىي تېما قىلغان يېڭى ئىقتىسادىي دەۋر پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىرىغا كەسپىي تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگىلەش جەھەتتە غايەت زور خىرىس ئېلىپ كەلدى. شۇڭا پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىرى ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.
1. ئۆزىدە ئىلمىي پوزىتسىيەنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك
يېڭى ئىقتىسادىي دەۋردە پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىرى ئۆزىدە ئىلمىي پوزىتسىيەنى يېتىلدۈرۈپ، بىلىمىنى موللاشتۇرۇشى، بىلىم قۇرۇلمىسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ، ئۆزلىرى تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەرگە ئالاقىدار پەنلەردىكى كەسپىي بىلىملەرنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك. تەرجىمانلىق بولسا تەكرار ئىجادىي خىزمەت بولۇپ، پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىقى تەرجىمانلارنىڭ كەسپىي ئاتالغۇلارنى پىششىق بىلىشىنى، تەرجىمە ئەسىرىدە ئۇقۇملارنى توغرا شەرھىيلەپ، ئەسلى ئەسەردىكى ئۇچۇرلارنى تولۇق ۋە ئەينەن گەۋدىلەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. لۇ شۈن تەرجىمانلىق خىزمىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: مەن ئەزەلدىن تەرجىمانلىق ئىجادىيەتتىن ئوڭاي دەپ قارايتتىم، چۈنكى ھېچ بولمىغاندا مېنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىم ھاجەتسىز ئىدى. لېكىن تەرجىمىگە ھەقىقىي كىرىشكەن ۋاقتىمدا قىيىن ئۆتكەلگە يولۇقتۇم، مەسىلەن بىرەر ئىسىمنى ياكى پېئىلنى يېزىپ چىقالمىدىم، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندا بۇلاردىن چەتنەپ كېتىشكە بولاتتى، ھالبۇكى تەرجىمە قىلغاندا ئۇنداق قىلىشقا بولمايدىكەن، يەنىلا باش قېيىپ كۆز ئىمىر - چىمىر بولغىچە ئويلىنىشقا توغرا كېلىدىكەن، خۇددى كاللىدا ئېچىشقا ئالدىراۋاتقان ساندۇقنىڭ ئاچقۇچىنى ئىزدەۋاتقاندەك بولىدىكەن. لۇ شۈننىڭ بۇ سۆزى تەرجىمانلىق خىزمىتىنىڭ جاپا - مۇشەققىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە لۇ شۈننىڭ تەرجىمانلىق خىزمىتىگە نىسبەتەن ئەستايىدىل پوزىتسىيەسىنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.
2. كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
(1) ئىپادىلەش ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئىپادىلەش ئادەتتە چۈشىنىش ئاساسىدا بولىدۇ، چۈشىنىشنىڭ چوڭقۇر - تېيىزلىقى ۋە توغرا - خاتالىقى تەرجىمە سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەسەرنىڭ ئەسلى مەنىسىنى چۈشىنىش قانچە چوڭقۇر بولسا تەرجىمە ئەسىرىدە ئىپادىلىنىشى شۇنچە توغرا بولىدۇ. پەقەت چوڭقۇر چۈشەنگەندىلا ۋە توغرا ئىپادىلىگەندىلا، ئاندىن نادىر تەرجىمە ئەسىرىنى ياراتقىلى بولىدۇ. ئەسلى ئەسەرنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشىنىش پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىقىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولۇپ، چۈشىنىش تەرجىمە قىلىش بولماستىن، بەلكى تەرجىمە خىزمىتىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى يەنى ئاساسىي باسقۇچىدۇر. چۈشىنىش ئىپادىلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە باشلىنىشى، ئىپادىلەش بولسا چۈشىنىشنىڭ مەقسىتى ۋە نەتىجىسى. پەقەت توغرا، ئەتراپلىق چۈشىنىش بولغاندىلا، ئاندىن ئەينەن ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. شۇڭا پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىقىدا توغرا چۈشىنىش ۋە ئىپادىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
(2) سۆزلۈكلەرنىڭ مەنىسىنى تاللاشقا ماھىر بولۇش كېرەك.
ئادەتتە، بىر سۆزنىڭ كۆپ خىل مەنىسى بولىدۇ. تەرجىمان ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ۋە كەسىپ تەۋەلىكىگە ئاساسەن، شۇ سۆزنىڭ كۆپلىگەن مەنىداش سۆزلىرى ئارىسىدىن ئەڭ توغرىسى ۋە مۇۋاپىقىنى تاللىشى كېرەك. نۆۋەتتە، پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يېڭى بىلىم، ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلار ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلمەكتە. ئوخشاش بىر سۆزلۈكنىڭ ئوخشاش بولمىغان ساھەدىكى مەنىسى ئوخشاش بولمايدۇ. ئالايلۇق، «平台» دېگەن سۆزنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدىكى مەنىسى »سۇپا« بولۇپ، بىناكارلىق ساھەسىدە »پېشايۋان« دېگەن مەنىدىمۇ قوللىنىلىدۇ. ئەگەر پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىرى كۆپلىگەن پەن - تېخنىكا ئاتالغۇلىرى ۋە كەسپىي بىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلىمىسە، ئۇ ھالدا ئۇلار تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.
3. يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك
(1) يېڭى ئىقتىسادىي دەۋردە ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشى ۋە قوبۇل قىلىنىشى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغىچە سىڭىپ كىردى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ بەلگىسىگە ئايلاندى. ئۇچۇر دەۋرىدە پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۇچۇرغا نىسبەتەن تەلىپى يېڭى، تېز، ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىققا ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت. پەن - تېخنىكا ئۇچۇرلىرى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبىي قىسىم بولۇپ، بىلىمنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلىنىشى جەريانىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. پەن - تېخنىكا ئۇچۇر خىزمىتىنىڭ نىشانى قاراتمىلىق ھالدا دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىلغار پەن - تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا توپلاپ، ئانالىز قىلىدۇ ۋە رەتلەشتىن ئىبارەت بولۇپ، پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىرىنىڭ ئۇچۇر ئىگىلەش، ئانالىز قىلىش ۋە تارقىتىش ماھارىتىنى ئىگىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
(2) پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى ئىقتىسادىي دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بۇ دەۋردە پەن - تېخنىكىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىرىنىڭ سىناپ بېقىشىغا ۋە يېڭىلىق يارىتىشىغا ئەرزىيدىغان نۇرغۇن پەن - تېخنىكىلار بارلىققا كەلدى. بۇ، پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرۈپ، تۈرلۈك يېڭى پەن - تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن پەن - تېخنىكا تەرجىمانلىرى كومپيۇتېر بىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك.