تاجىكىستاننىڭ ئاپتوموبىل ئىمپورت مىقدارى تۆۋەنلىدى
تاجىكىستان دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا تارماقلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2010 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا تاجىكىستاننىڭ تىرانسپورت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىش مىقدارى 2009 - يىلىنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %43.6 تۆۋەنلىگەن، ئىمپورت سوممىسى 73مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
2010 - يىلىنىڭ يىل بېشىدىن باشلاپ، تاجىكىستاننىڭ تىرانسپورت ئەسلىھەلىرى ئىمپورت ئومۇمىي سوممىسى 95 مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. 2009 - يىلى شۇ مەزگىلدە تىرانسپورت ئەسلىھەلىرى ئىمپورت ئومۇمىي سوممىسى 169 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تاجىكىستان تىرانسپورت ئەسلىھەلىرى ئىمپورت مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، دۇنيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، تاجىكىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىل ئېھتىياجى تۆۋەنلەپ كەتكەن. بىر قاتار ئامىللارنىڭ تەسىرىگە يەنە ئۇچرايدىغان بولغاچقا، يېقىنقى مەزگىلدە ئىمپورت مىقدارىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى ساقلىنىدىكەن. بۇ يېقىلغۇ باھاسى ئۆرلەپ كېتىش ئامىلىنىڭ تەسىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلەت ئىچى بازىرىدىكى ئېھتىياج مىقدارى ئازىيىپ كەتكەچكە، ئاپتوموبىل تىرانسپورت باھاسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتكەن، نەتىجىدە ئاپتوموبىل ئىمپورت قىلىش ساھەسىنىڭ ئىقتىسادىغا پايدىسىز تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.