قازاقىستاننىڭ 2010 - يىللىق ئاشلىق ئېكسپورت مىقدارى تۆۋەنلىدى

2011-04-16 11:57:33   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

قازاقىستاننىڭ 2010 - يىللىق ئاشلىق ئېكسپورت مىقدارى تۆۋەنلىدى

      قازاقىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، 2010 - يىلى قازاقىستان 6 مىليون توننا ئاشلىق ئېكسپورت قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 4 مىليون توننىسى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ئافغانىستانغا، 2 مىليون توننىسى تاشقى كاۋكاز دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلغان.
      قازاقىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، قازاقىستان 2010 - يىلىنىڭ دەسلىپىدە 13 مىليون 500 توننىدىن 14 مىليون 500 توننىغىچە ئاشلىق ھوسۇل ئېلىشنى پىلانلىغان. قازاقىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئاقىلبېك.كۇرشىبايېۋ 2010 - يىلى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى قازاقىستاندىكى ئاساسلىق ئاشلىق تېرىلغۇ رايونلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاقمولا ئوبلاستىدىكى ئالتە رايوننىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنى يۇقىرىغا ئەينەن مەلۇم قىلىشنى رەت قىلغان ئاز ساندىكى دېھقانلار 2010 - يىلى دۆلەتنىڭ تولۇقلىما پۇلىغا ئېرىشەلمىدى. بۇندىن كېيىن قازاقىستان ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنى ئىستاتىستىكا قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ قاتتىق بولغان نازارەت قىلىش  ۋە باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ.