تاجىكىستان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىغا نىسبەتەن تايىنىشچانلىقنى تۆۋەنلىتىدۇ

2011-04-16 11:55:54   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

تاجىكىستان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىغا نىسبەتەن تايىنىشچانلىقنى تۆۋەنلىتىدۇ

      تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمانوۋ ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىدىن تەدبىر قوللىنىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىغا نىسبەتەن تايىنىشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلدى.
      نۆۋەتتە، تاجىكىستان ئاشلىقتىن ھوسۇل ئېلىش خىزمىتىنى ئاللىقاچان تاماملاپ بولدى، شىمالىي قىسىمدىكى رايونلاردا 5 گېكتار يەردە ئېڭىز تېرىلغۇسى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، جەنۇبىي قىسىمدىكى رايونلار ۋە دۆلەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق رايونلاردا ئايرىم - ئايرىم ھالدا 9 گېكتار يەر ۋە 2.6 گېكتار يەردە ئېڭىز تېرىلغۇسى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. راخمانوۋ دۈشەنبە شەھىرى ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ ئېڭىز تېرىلغۇسىنى شەخسەن نازارەت قىلغانلىقىنى، كۆپ قىسىم رايونلاردا ئېڭىز تېرىلغۇسىنىڭ پىلان بويىچە تاماملانغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ھەربىر سۇڭ يەرنى، بولۇپمۇ سۇغىرىلىدىغان تۇپراقنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىستېمال بازىرىدىكى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تاجىكىستاننىڭ تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.