تاجىكىستان ھۆكۈمىتى 2011 - يىللىق دۆلەت خامچوتىنى بېكىتتى

2011-04-16 11:54:48   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

تاجىكىستان ھۆكۈمىتى 2011 - يىللىق دۆلەت خامچوتىنى بېكىتتى

      تاجىكىستان مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2010 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تاجىكىستان دۆلەتلىك خامچوت كومىتېتى 2011 - يىللىق دۆلەت خامچوتىنى بېكىتكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 2011 - يىلى تاجىكىستاننىڭ دۆلەت خامچوتى 7 مىليارد سومنى (1 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) بولىدىكەن. 2011 - يىلى تاجىكىستاننىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى جەمئىي 30 مىليارد 180 مىليون سومنى (6 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) بولۇپ، ئەمەلىي ئېشىش سەۋىيەسى %6.5 لىك نىسبەتنى ساقلاپ قالىدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ يىل %1.5 ئېشىپ، بەلگىلەنگەن سودا سوممىسى %23 ئارتىدىكەن.
      2011 - يىلى تاجىكىستاننىڭ دۆلەت خامچوتى ئاساسلىقى ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ھەم دۆلەت ئىقتىسادىدىكى ئېنېرگىيە ۋە قاتناش - ئالاقە ساھەسىنى گۈللەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىكەن. 2010 - يىلى تاجىكىستاننىڭ دۆلەت خامچوتى ئاساسەن دۇنيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.
      ئالاقىدار ئورۇنلار تەمىنلىگەن ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2010 - يىلى دەسلەپكى يېرىم يىلدا تاجىكىستان دۆلەت خامچوت كىرىمىدا پىلان ۋەزىپىسىنىڭ %93.5 ى ئورۇنلانغان. دۆلەت خامچوت كىرىمىنىڭ پۈتۈنلەي ئورۇنلانماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، دۇنيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ تاجىكىستان ئىقتىسادىغا داۋاملىق تەسىر كۆرسىتىشىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا، قوشنا دۆلەتلەر ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي قامال قىلىشمۇ دۆلەت خامچوت كىرىمى ئورۇنلانماسلىقنىڭ مۇھىم سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ.