قازاقىستان نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت بېجىنى ئەسلىگە كەلتۈردى

2011-04-16 11:52:01   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

قازاقىستان نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت بېجىنى ئەسلىگە كەلتۈردى

      ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستان 2010 - يىلى 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن باشلاپ نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىغا قارىتىلغان ئېكسپورت بېجىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. قازاقىستان شۇ يىلى 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى بۇ ھەقتىكى ھۆكۈمەت بۇيرۇقىنى ئىمزالىغان بولۇپ، خام نېفىت ئېكسپورتىدا ھەر توننىسىدىن 20 ئامېرىكا دوللىرى ئېكسپورت بېجى ئېلىش، يېنىك نېفىت ئېكسپورتىدا ھەر توننىسىدىن 99.71 ئامېرىكا دوللىرى ئېكسپورت بېجى ئېلىش، ئېغىر نېفىت ئېكسپورتىدا ھەر توننىسىدىن 66.47 ئامېرىكا دوللىرى ئېكسپورت بېجى ئېلىش قارار قىلىنغان. بۇ ھۆكۈمەت بۇيرۇقى شۇ يىلى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنغان ھەمدە بىر ئايدىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولغان.
      قازاقىستان مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىدىن ئېكسپورت بېجى ئېلىش 2010 - يىلى قازاقىستان ئۈچۈن 60 مىليارد تەڭگە مالىيە كىرىمى ئېلىپ كەلگەن، بۇ سان 2011 - يىلى 177 مىليارد تەڭگىگە يېتىشى مۇمكىن. قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇ خىل باج تۈرىنى 2008 - يىلى 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تۇنجى قېتىم يولغا قويغان بولۇپ، خام نېفىت ئېكسپورت بېجى 2009 - يىلى 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانىدى.