2010 - يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۆزبېكىستاننىڭ GDP سىدا ئېشىش كۆرۈلدى

2011-04-16 11:48:49   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

2010 - يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۆزبېكىستاننىڭ GDP سىدا ئېشىش كۆرۈلدى

      2010 - يىلى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ ئىچكى كابېنتى يىغىن چاقىرىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ 2010 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا قارىتا خۇلاسىلاش ئېلىپ باردى. يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ساھەلەرنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى ئىزچىل يۈرگۈزۈلگەنلىكتىن، دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %8 ئاشتى. ھەرقايسى كونكرېت ساھەلەرنىڭ ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئېشىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە: سانائەت %8، يېزا ئىگىلىكى %6.9 ئىستېمال بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىشى %11.8 تاۋارلارنى پارچە سېتىش ئېشىش نىسبىتى %10.3قۇرۇلۇش كەسپىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %11.5 مۇلازىمەت كەسپىنىڭ %10.9ئېكسپورتنىڭ ئېشىش نىسبىتى %14.3 بولدى. دۆلەت خامچوت ئېشىندىسى GDP نىڭ %0.2 ىنى ئىگىلىدى، پۇل پاخاللىقى مۆلچەرلىگەن سەۋىيە )ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى پۈتۈن بىر يىللىق پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنى %9-%7 دەپ مۆلچەرلىگەن( دىن ئاشمىدى. بۇندىن باشقا، ئاھالىلەرنىڭ پۇل ئامانىتى يىل بېشىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %41.8 ئاشتى، قەرز پۇل تارقىتىش نىسبىتى %30.3 ئاشتى. 2010 - يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۆزبېكىستاننىڭ مۇقىم مۈلۈككە سالغان مەبلىغى ئۈزلۈكسىز تېز سۈرئەتتە ئاشتى، ئومۇمىي سوممىسى 7 تىرىليون 100 مىليارد سۇم (تەخمىنەن 4 مىليارد 570 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) غا يېتىپ، 2009 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %40 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى 2009 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %30 ئاشتى.