CMMB يانفون تېلېۋىزورى ئۆلچىمى ئوتتۇرا ئاسىيادا «ماكانلاشتى»

2011-04-16 11:44:24   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

CMMB يانفون تېلېۋىزورى ئۆلچىمى ئوتتۇرا ئاسىيادا «ماكانلاشتى»

      دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە كۆچمە خەۋەرلىشىش كۆپ ۋاسىتىلىك رادىيو كەسپى ئۆلچىمى CMMB چەت ئەللەرگە يۈزلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاجىكىستاندا قوللىنىلىشقا باشلىدى، بۇ دۆلىتىمىز رادىيو ئۆلچىمىنىڭ تۇنجى نۆۋەت چەت ئەل تىجارەتچىلىرى تەرىپىدىن قوللىنىلىشىدۇر.
      جۇڭگو رادىيو - تېلېۋىزىيە تارقىتىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاجىكىستان تېلېگراف تىجارەتچىلىرى - تاجىكىستان كۆچمە خەۋەرلىشىشى ئاللىبۇرۇن دۆلىتىمىز مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ بېكىتكەن كۆپ ۋاسىتىلىك رادىيو كەسپى ئۆلچىمى CMMB نى رەسمىي يوسۇندا قول تېلېۋىزورى كەسپى تىجارىتىنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى قىلدى. بۇندىن باشقا، جۇڭگو رادىيو - تېلېۋىزىيە تارقىتىشى يەنە فىلىپپىن، سىنگاپور، كامبودژا، ئەرەب رايونى، موڭغۇلىيە، ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ئاپپاراتلار بىلەن CMMB ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى سۆھبىتىنى باشلىۋەتتى.