تۈركمەنىستان بىلەن ئافغانىستان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى ياتقۇزۇش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى

2011-04-16 11:42:46   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

تۈركمەنىستان بىلەن ئافغانىستان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى ياتقۇزۇش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى

      يېقىندا تۈركمەنىستان - ئافغانىستان - پاكىستان - ھىندىستان تەبىئىي گاز تۇرۇبا تۈرى تېخنىكا خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخاباد شەھىرىدە ئېچىلدى. بۇ يىغىندا ئاساسەن تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى ياتقۇزۇشتىكى ئىقتىسادىي تېخنىكىلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.  يىغىنغا بۇ تۆت دۆلەتتىكى تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىدىغان مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.
      يىغىن ئاساسلىق كۈنتەرتىپلىرىنىڭ بىرى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى ياتقۇزۇش كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، بۇ كېلىشىمنى تۈركمەنىستان، ئافغانىستان، پاكىستان ۋە ھىندىستان ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باھالاپ تەتقىق قىلىشىغا تاپشۇرۇشتىن ئىبارەت بولدى.