قازاقىستان ھۆكۈمىتى 2015- 2011 - يىللىق دۆلەت سەھىيە تەرەققىيات پىلانىنى ماقۇللىدى
قازاقىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى تەمىنلىگەن خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، قازاقىستان ھۆكۈمىتى يېقىندا ئېچىلغان ھۆكۈمەت يىغىنىدا 2015-2011 - يىللىق دۆلەت سەھىيە تەرەققىيات پىلانىنى ماقۇللىغان. مەزكۇر پىلاننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى مۇنداق: بىمارلارنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن دوختۇرنى ئۆز ئىختىيارىچە تاللىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ؛ داۋالاش ساھەسىدە رىقابەت مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ؛ داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ پىلاننىڭ ئاخىرقى مەقسىتى بىرتۇتاش داۋالاش ھەققى تۈزۈمىنى بېكىتىش ھەم ھەرقايسى رايونلاردىكى قازاقىستان ئاھالىلىرىنى باراۋەر دەرىجىدىكى داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىشتىن ئىبارەت. قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن 456 مىليارد تەڭگە (1 ئامېرىكا دوللىرى 147 تەڭگىگە باراۋەر) مەبلەغ سالىدىكەن.