كورلا كۆنچى دەرياسىدىكى چوڭ كۆۋرۈك گۈمۈرلۈپ چۈشتى

2011-04-12 15:49:54   ياشىن تورى   نادىل
T|T:خەت رەزمىرى

  شىنخۇا تورى ئۈرۈمچى 12-ئاپرېل تېلگىراممىسى: 12-ئاپرېل 5:30 ئەتراپىدا، بايىنغۇلۇم مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى كورلا شەھەر رايونىدىكى كۆنچى دەرياسىدىكى چوڭ كۆۋرۈك ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، بۇ 314-نومۇرلۇق دۆلەت تاشيولىنى كېسپ ئۆتكەن كۆنچى دەرياسىدىكى مۇھىم كۆۋرۈك. نەق مەيداندىكى كۆرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تېزلىكتە يېتىپ كېلىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتى تەشكىللىگەن، ھازىرچە ئادەم يارلىنىش ئۆلۈش ئەھۋالى بايقالمىدى، دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن ئاپتۇموبىلمۇ كۆرۈنمىدى. مۇناسىۋەتلىك ئەھۋال تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.