ئاپتونوم رايون 10 – ئاپرېل مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، جېجياڭ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، جېجياڭ ئۆلكىلىك سانائەت ئىقتىسادى بىرلەشمىسى، كارخانىلار بىرلەشمىسى، كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جاڭ يۈۋېن قاتارلىق جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىساد، كارخانا ساھەسىدىكى يەتتە مۇتەخەسسىسنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئىقتىساد مەسلىھەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇتەخەسسىسلەرگە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى ھەم مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
جاڭ چۈنشيەن 2010 – يىلى 9 – ئايدا ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە – ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شاڭخەي، جېجياڭدا تەكشۈرۈش، ئۆگىنىشتە بولغاندا، جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەجرىبىسى مول، ھەرقايسى ساھەلەردە تەسىرى بار مۇتەخەسسىسلەرنى ئىقتىسادىي مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. بۇ قېتىم تەكلىپ قىلىنغان سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئىقتىساد مەسلىھەتچىلىرى بۇلتۇر ئاپتونوم رايون شاڭخەيدىن ئالتە مۇتەخەسسىسنى شەھەر پىلانلاش، قۇرۇلۇش مەسلىھەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلغاندىن كېيىنكى باشقا ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن تەكلىپ قىلغان 2 – تۈركۈمدىكى مەسلىھەتچىلەر ھېسابلىنىدۇ.
جاڭ چۈنشيەن يېڭىچە سانائەتلىشىشنى قانداق قىلىپ يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇنداق بەش تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ‹‹ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق›› تەرەققىيات ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇش كېرەك. جايلار، كارخانىلار يېڭىچە سانائەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، ‹‹ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق›› تەرەققىيات ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتتا، بايلىق تېجەش، مۇھىت ئاسراشتا چىڭ تۇرۇشى، مۇھىت ئاسراش، ئېكولوگىيەلىك رايون بەرپا قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. ئىككىنچى، يۇقىرى پەللە، يۇقىرى سەۋىيەدە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بازارنى يۆنىلىش، كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە، ئەڭ ئىلغار تېخنىكىنى تايانچ قىلىش ئارقىلىق يېڭىچە سانائەتلىشىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىقنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش ۋە پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يېڭىچە سانائەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مەۋقە ھەم مەقسەت قىلىنغان. ھەرقانداق تۈرنى يولغا قويۇش، ھەرقانداق كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئالدى بىلەن خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، يەرلىك ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۆتىنچى، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پايدىلىق پۇرسەتنى ئىگىلىگەندىلا تەرەققىياتتا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بەشىنچى، ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار، تەرەپلەر كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىپ، كارخانىلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىشى، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭچە ئۈنۈمدە چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشى كېرەك. تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانا تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ياردەم بېرىدىغان، مەدەت بېرىدىغان قويۇق كەيپىيات ۋە قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.