شىنجاڭ قازاقىستانغا قارىتىلغان مال تىرانسپورت باھاسىنى ئۆرلەتتى
قازاقىستاننىڭ تاموژنىنى تەرتىپكە سېلىش خىراجىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ئېلىپ كەلگەن تىرانسپورت بېسىمىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ قازاقىستاننىڭ خەلقئارا مال تىرانسپورت ۋاكالەتچى كارخانىلىرىغا قارىتا باھانى ئۆرلەتتى، يەنى بېسىلغان مالنىڭ ھەر كۇب مېتىرىنىڭ باھاسىنى %60 ئەتراپىدا ئۆستۈردى.
شىنجاڭ غەربىي دىيار يىنىك سانائەت بازىسىدىكى ئالمۇتاغا مال توشۇشقا تەييارلىنىۋاتقان تىجارەتچى جاڭ شىنخۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر يەتكۈزۈلىدىغان مالنىڭ ھەر كۇب مېتىرىدىن 700 ئامېرىكا دوللىرى ئېلىنىۋاتىپتۇ، بۇرۇن 400 ئامېرىكا دوللىرى ئېلىناتتىكەن. گەرچە قازاقىستاندىكى سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر بۇ قېتىملىق باھانىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىكى سەۋەبنى چۈشەنسىمۇ، ئەمما يەنىلا كۆپلەپ سېتىۋالمىدى. ھازىر مال تارقىتىش ئومۇمىي مىقدارى ئىلگىرىكى يىللارنىڭكىدىن يېرىمى كېمىيىپ كەتتى.
شىنجاڭ يوۋخاۋ خەلقئارا مال تىرانسپورت شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، قازاقىستاننىڭ خەلقئارا مال تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىرىگە قارىتا ھەر كۇب مېتىرىنىڭ باھاسى %60 ئەتراپىدا ئۆستۈرۈلگەن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندىمۇ %75 ئۆستۈرۈلگەن. ئۈرۈمچىدىن ئالمۇتاغا قارىتىلغان مال تىرانسپورتىنى مىسالغا ئالساق، ئالدىنقى يىللاردىكى يېنىك ۋە ئېغىر ماللارنىڭ ۋاكالەت باھاسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەر كۇب مېتىرى 240 ئامېرىكا دوللىرى ۋە 420 ئامېرىكا دوللىرى بولغانىدى، ھازىر بولسا ھەر كۇب مېتىرىنىڭ باھاسى 380 ۋە 700 ئامېرىكا دوللىرى بولغان. ئىلگىرى قازاقىستانغا قارىتىلغان تاموژنىنى تەرتىپكە سېلىش خىراجىتى ھەر بىر ماشىنىنىڭ ئاساسەن 17-12 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغانىدى، ھازىر بولسا ھەر بىر ماشىنىنىڭ 30 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ 2010 - يىلى 7 - ئايدىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا %100 تىن ئارتۇق ئاشقان.
غەربىي دىيار يېنىك سانائەت ئىسكىلات رايونىدىكى ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ ئېيتىشىشىچە، قازاقىستاننىڭ تاموژنىنى تەرتىپكە سېلىش خىراجىتىنى ئۆستۈرۈشى سەۋەبىدىن شىركەتلەرنىڭ ھاۋالىلىك توشۇش مىقدارى %40 كېمىيىپ كەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، »رۇسىيە، بېلورۇسسىيە ۋە قازاقىستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى« نىڭ يېڭى تاموژنا بېجى قانۇنى يۈرگۈزۈلگەندىن كېيىن، قازاقىستاننىڭ %90 تىن ئارتۇق تاۋارلىرىنىڭ ئىمپورت باج نىسبىتى رۇسىيەدە يۈرگۈزۈلىۋاتقان باج نىسبىتىنى ئاساس قىلغانلىقتىن، قازاقىستاننىڭ تاموژنىنى تەرتىپكە سېلىش خىراجىتى قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش چوڭ بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قىسىم كارخانىلار مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: شىنجاڭنىڭ قازاقىستانغا قارىتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشى ئىلگىرىكىدەك راۋان ئەمەس.