شىنجاڭ 7194 نەپەر مەمۇرنى ئاشكارا قوبۇل قىلىدۇ
يەتتە تۈرلۈك كىشى ئىمتىھانغا تىزىملاتسا بولىدۇ
شىنجاڭ بۇ يىل مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك مەمۇر، خادىمدىن 7194نى جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىدۇ. تىزىملىتىش خىزمىتى 8-ئاپرېل سائەت 10دا باشلىنىدۇ.
شىنجاڭنىڭ 2011-يىللىق جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر، خادىم قوبۇل قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 2-ئاپرېل ئېچىلدى. بۇ يىلقى مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا ئىككى ئاي ئالدىغا سۈرۈلدى.