نۇر بەكرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

2011-04-09 11:12:49   تەڭرىتاغ تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

نۇر بەكرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، نەشرىيات ئىشلىرىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك .
         شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 7 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى يېڭى تارىخىي پەللىدە يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى باسقۇچىدىكى نەشرىيات خىزمىتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، مەدەنىيەت، نەشرىيات ئىشلىرىنىڭ مۇھىم ئورنى ۋە رولىنى يېڭىباشتىن بېكىتىپ، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئەقلىي مەدەت ۋە ئىدىيەۋى كاپالەت بىلەن تەمىن ئېتىپ، ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلەرگە نادىر ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  نۇر بەكرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ ۋېي، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت قاتارلىقلار بىلەن بىللە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان ئۇچۇر ئۇنىۋېرسال بىناسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىلەن نەشرىيات ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەسەۋۋۇرى ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىپ، شىنجاڭ نەشرىيات ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ زور پىلانىنى ئورتاق كېڭەشتى.

  نۇر بەكرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان سەرخىل كىتابلارنى ۋاراقلاپ كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى مەملىكەت بويىچە خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، شىبە يېزىقلىرىدا كىتاب نەشر قىلىدىغان بىردىنبىر نەشرىيات. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېڭى ئارزۇسىنى توغرا ئىگىلەپ، كۆپ تەرەپ، كۆپ قاتلام، كۆپ مەنبەلىك مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىباب، قاراتمىلىققا ئىگە مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىشى كېرەك.نۇر بەكرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، ئالتە يېزىقتا 30 مىڭ خىلدىن ئارتۇق كىتاب نەشر قىلدى. بۇ كىتابلار پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، جامائەت پىكرى بازىسىلىق رولىنى ئۆتەپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، ئىلغار مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتىكى ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ ھەم مۇھىم رول ئوينايدۇ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، توغرا نەشرىيات يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، تېپىلغۇسىز تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئاساسىي بازىنى ئىگىلەشنى ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى تاپشۇرغان زور سىياسىۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە ۋە جامائەت پاراۋانلىق خاراكتېرىگە ئىگە نەشر قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

  نۇر بەكرى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە، تۇرمۇشقا ۋە ئاممىغا يېقىنلىشىپ، مەزمۇن ۋە شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، نادىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ يارىتىش كېرەك. كۈچلۈك سۈپەت ئېڭى، نادىر ئەسەر ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلەپ، مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، ھەر بىر مەھسۇلاتنى ئاممىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان نادىر ئەسەرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. سېلىنمىنى زورايتىپ، ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى ۋە رايون ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، مىللىي مەدەنىيەتكە، رايون ئالاھىدىلىكىگە، يىپەك يولىغا ئالاقىدار كىتابلارنى نەشر قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى مەملىكەتكە، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ، تېخىمۇ زور، تېخىمۇ كەڭ تەسىر كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. كادىرلار ئىشلىرى، كىرىم تەقسىماتى قاتارلىق تۈزۈم ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، جامائەت پاراۋانلىق خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەممە تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مەدەنىيەت، نەشرىيات ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قوشۇن قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇھەررىر، تەرجىمان، نەشرىياتچى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، نەشرىياتچىلىقنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىن ئېتىش، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نەشرىياتچىلىقنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك.

  خۇ ۋېي شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ نەشرىيات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئورنىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتەك ئاساسىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، نادىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ نەشر قىلىشىنى، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش مۇساپىسىدە خەلق نەشرىياتىنىڭ تېگىشلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاپ، نەشرىياتنىڭ ئومۇمىي ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تەرەققىيات شارائىتى ھازىرلاپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، نەشرىيات ئىشلىرى ئىسلاھاتىدا پۇختا قەدەم تاشلىشىنى ئۈمىد قىلدى.