ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش باشلاندى

2011-04-07 12:54:32   www.basbas.cn   نادىل
T|T:خەت رەزمىرى

   بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا چوڭراق ھادىسىلەر كۆپ يۈز بەردى، ھادىسىنىڭ قېتىم سانى ۋە ئۆلگەنلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئىككى خانىلىق سان بىلەن كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە تاشيول قاتنىشىدا يۈز بەرگەن چوڭراق ھادىسىلەرنىڭ قېتىم سانى ۋە ئۆلگەنلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشتى. بولۇپمۇ 3 – ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدا ئۇدا ئون قېتىم چوڭراق قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 51 كىشى قازا قىلدى. بولۇپمۇ 3 – ئاينىڭ 23 –، 24 –، 25 – كۈنلىرى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى، خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئۇدا ئۈچ قېتىم بىر قېتىمدا ئۈچ كىشىدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، جەمئىيەتتە زور تەسىر قوزغىدى.
    ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشى ئاپتونوم رايونىمىزدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا ساقلىنىۋاتقان ئاجىز ھالقىلارنى تولۇق ئاشكارىلىغان: بىرىنچى، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى كۈچلۈك ئەمەس، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇشى قالايمىقان، بىخەتەرلىك، مۇداپىئە تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشمىگەن، ئىشلەپچىقىرىشتا بىخەتەرلىك كونترولسىز قېلىش، باشقۇرۇش كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ساقلانغان. ئىككىنچى، بەزى نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردە بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاجىز، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا قانۇننى ئىجرا قىلىش قاتتىق، تەلتۆكۈس ئەمەس، تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكى مۇداپىئە تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەن. ئۈچىنچى، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەمەلىيلەشمىگەن. تۆتىنچى، بىخەتەرلىك ئاساسى مۇستەھكەم بولماسلىق، يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈپ تۈزەش تەلتۆكۈس بولماسلىق، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇپ نازارەت قىلىش ئەمەلىيلەشمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر بەزى جاي ۋە كارخانىلاردا يەنىلا خېلى گەۋدىلىك بولماقتا.
    ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايون بويىچە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان يۈز بەرگەن بارلىق ھادىسىلەرنى مەسئۇلىيەت ھوقۇق چېكى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش، ‹‹تۆتنى قويۇپ بەرمەسلىك›› ۋە ‹‹قانۇن، بەلگىلىمىنى ئاساس قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش›› پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ھادىسىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى تەلەپ قىلىنغان. شۇڭا ھادىسىگە جاۋابكار ئورۇنلار ۋە كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك، بولۇپمۇ قانۇنسىز قىلمىشتىن كېلىپ چىققان ھادىسىلەرنىڭ بىرتەرەپ قىلىنىشىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش، ھادىسە تۇغدۇرغان ئورۇنلار ۋە ئالاقىدار كىشىلەرنى يۇقىرى چەك بويىچە جازالاش ھەم كارخانا قانۇنىي ئىگىسى، ئەمەلىي مەبلەغ چىقارغۇچى ۋە كونترول قىلغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانا ۋە جەمئىيەتتىكى ئاممىغا يۈزلىنىپ، تىپىك دېلو مىساللىرىدىن پايدىلىنىپ، بىخەتەرلىك بويىچە ئىبرەت تەربىيەسى بېرىش، كارخانا، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنى ھادىسە ساۋاقلىرىنى چوڭقۇر قوبۇل قىلىشقا يېتەكلەپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈپ، يوچۇقلارنى توسۇپ، ھادىسە ساۋاقلىرى ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھادىسىدىن ساقلىنىشتىكى تەشەببۇسكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.
    ئاپتونوم رايون 27 – مارت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، جايلاردىن تۈرلۈك ھادىسىلەردىن ساقلىنىشنى نىشان، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا، ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى، كارخانىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈشىنى ئاساسىي شەكىل قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ئىنچىكە تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق كارخانا ۋە نۇقتىلىق ھالقىلارنى ھەيدەكچىلىك بىلەن تەكشۈرۈش، بولۇپمۇ گەۋدىلىك يولۇچىلار تىرانسپورت كارخانىلىرى، نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرى، شوپۇرلار، يولۇچىلار ۋە تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك تەشكىللەپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھە ۋە بىر قىسىم جايلاردا چوڭ، ئېغىر قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي ئۆزگەرتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت جايلاردىن قانۇنسىز ھالدا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغان، تىجارەت قىلغان، قۇرۇلۇش قىلغان ئالاقىدار ئورۇن ۋە مەسئۇل كىشىلەرنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىنىڭ يۇقىرى چېكى بويىچە جازالاش؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان، قۇرۇلۇش قىلغان ئورۇنلارنى قانۇن بويىچە بىردەك ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇش ھەم نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە بىردەك قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.