قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستان چېگرىسىدا يېڭى ئېغىز تەسىس قىلىنىدۇ

2011-04-05 11:08:18   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستان چېگرىسىدا يېڭى ئېغىز تەسىس قىلىنىدۇ

       قازاقىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قازاقىستان زۇڭلىسى ماكسىموۋ يېقىندا ئېچىلغان ھۆكۈمەت يىغىنىدا قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستان چېگرىسىدا يېڭى ئېغىز تەسىس قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ماكسىموۋ يىغىندا قازاقىستان چېگرا مۇداپىئەسى ۋە تاموژنا تارماقلىرىغا قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستان چېگرىسىدا يېڭى ئورۇن تەسىس قىلىنىدىغان ئورۇننى بېكىتىش ئىشلىرىنى تاپشۇرغان. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: تەسىس قىلىنغان يېڭى ئېغىز قىرغىزىستان تەرەپ ۋەزىيىتىنى كونترول قىلالايدىغان رايونغا جايلىشىشى كېرەك. قازاقىستاننىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلىسى شۇكېيېۋ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا مۇنداق دېگەن: قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرى يېڭى چېگرا ئېغىزى تەسىس قىلىش ئىشلىرى توغرىسىدا كېڭەشتى، كونكرېت قارار پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ.