چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئېكسپورتىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى

2011-04-05 11:04:10   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئېكسپورتىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى

      2010 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئېكسپورتىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. ئالدىنقى بەش ئايدىلا شىنجاڭنىڭ چېگرا ئېغىزلىرىدا 2325 دانە ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىنغان بولۇپ، 2009 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %46 ئاشقان؛ قىممىتى 9829.4ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، 2009 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %45 ئاشقان.
      2010 - يىلى ئېكسپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللار ئىچىدە يۈك ئاپتوموبىللىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ يۈك ئاپتوموبىللىرى ئاساسلىقى قازاقىستانغا ئېكسپورت قىلىنىدۇ، ئېكسپورت مىقدارى 2009 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى شىنجاڭ چېگرا ئېغىزى ئاپتوموبىل ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %36.6 ىنى ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2010 - يىلى دۆلىتىمىزنىڭ يەنە تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستانغا قارىتىلغان ئاپتوموبىل ئېكسپورتىمۇ زور دەرىجىدە ئاشقان بولۇپ، 2009 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2 ھەسسە ۋە 1.6 ھەسسە ئارتتى، يەنى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئاپتوموبىل ئېكسپورت مىقدارى 2009 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى شىنجاڭ چېگرا ئېغىزى ئاپتوموبىل ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %43.5 ىنى ئىگىلىدى.
      ئىگىلىنىشىچە، 2010 - يىلى دۆلىتىمىز ئاپتوموبىل ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، ئاپتوموبىل مەھسۇلات مىقدارى ھەسسىلەپ ئاشتى، ئېكسپورت كۆلىمىمۇ ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق رايونىمىز بىلەن چېگرىلىنىدىغان قوشنا دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتوموبىلغا بولغان ئېھتىياجى كۈنسېرى ئاشماقتا. بۇ خىل ئەھۋال دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئېكسپورتى ئۈچۈن سودا پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ باھاسى ئەرزان، شەكلى كۆركەم بولغانلىقتىن، بولۇپمۇ چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل ۋە يېنىك تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ياسىلىش تېخنىكىسى بارغانسېرى مۇكەممەللەشكەنلىكتىن، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئوخشاش تۈردىكى ئاپتوموبىللارغا نىسبەتەن باھا جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز چېگرا ئېغىزى ئاپتوموبىل ئېكسپورتىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. 2010 - يىلى 5 - ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چېگرا ئېغىزىدا ئېكسپورت قىلىنغان ئاپتوموبىل 661 دانىگە يەتكەن بولۇپ، 2009 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %97.1 ئاشتى؛ باھاسى 26 مىليون 172 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2009 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %78.6 ئاشتى.
      2010 - يىلى ئاپتوموبىل ئېكسپورتى شىددەت بىلەن ئېشىشتەك مۇشۇنداق ۋەزىيەتكە قارىتا، ئۈرۈمچى تاموژنىسى قۇلايلىق بولغان تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەدبىرىنى قوللاندى. ئاپتوموبىل ئېكسپورتىغا قارىتا ئالدىن پۈتۈشۈۋېلىش خاراكتېرىدىكى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى مەلۇم قىلىشنى يولغا قويۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيەتلىرىنى ئالدىن بېجىردى؛ ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئاپتوموبىللارنى بەلگىلەنگەن ئورۇندا ئالدىن تەكشۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدىن پۈتۈشۈۋېلىش خاراكتېرىدىكى تەكشۈرۈش ۋە پۈتۈن كۈنلۈك مەشغۇلات مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ئېكسپورت ئاپتوموبىللىرىنى كېلىشى ھامان تەكشۈرۈپ، ئاپتوموبىل تەكشۈرۈشتە ئۆچىرەتتە تۇرغۇزۇش ئەھۋالىنى تۈگەتتى، ئاپتوموبىللارنىڭ چېگرا تاموژنىسىدىن ئۆتۈشىنى تېزلىتىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا ئېكسپورت قىلىنىشى ئۈچۈن ئەۋزەل بولغان تاموژنا مۇھىتى ۋە ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.