خەلقئارا جەمئىيەت قىرغىزىستانغا ياردەم بەردى

2011-04-05 11:00:43   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

خەلقئارا جەمئىيەت قىرغىزىستانغا ياردەم بەردى

      2010 - يىلى 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەلقئارا جەمئىيەت قىرغىزىستانغا ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى خەلقئارالىق يىغىن قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلدى. 14 دۆلەت ۋە 15 خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا كەلگۈسى 30 ئاي ئىچىدە قىرغىزىستانغا 1 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى 2010 - يىلىنىڭ ئاخىرى تەمىنلىنىدىغانلىقى قارار قىلىندى.
      دۇنيا بانكىسى ئىستراتېگىيە ۋە ھەرىكەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گېد ئالېس يىغىندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر قىسىم ياردەم پۇل سوۋغات سۈپىتىدە تەمىنلىنىدۇ، قالغان قىسمى قەرز پۇل شەكلىدە تەمىنلىنىدۇ.