جۇڭگو بىلەن قازاقستاننىڭ ئىقتىسادىي سودا مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلماقتا
يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان جۇڭگو بىلەن قازاقستاندىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، ھۆكۈمەت، كارخانىلار شۇنداقلا شىركەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي سودا مۇناسىۋىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، سودا ۋە ئۆزئارا مەبلەغ سېلىش زور دەرىجىدە كېڭەيدى.
دۆلىتىمىز تاموژنا تارماقلىرىنىڭ ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، 2007 - يىلى جۇڭگو بىلەن قازاقستاننىڭ ئۆزئارا سودا سوممىسى 13 مىليارد 880 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگونىڭ تاۋار ئېكسپورت سوممىسى 7 مىليارد 450 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، ئىمپورت سوممىسى 6 مىليارد 430 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2006 - يىلىدىكىگە قارىغاندا %66، %56.7 ۋە %78.2 ئېشىپ، قازاقستان دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە ئىككىنچى چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلانغان (بىرىنچى چوڭ سودا شېرىكى روسىيە).
2008 - يىلى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى كەسكىنلەشكەن ۋەزىيەتتە، جۇڭگو قازاقستان سودا ھەمكارلىقى رېكونت يارىتىلغان ئالدىنقى يىلدىكى ئاساستا ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىپ ماڭدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2008 - يىلى پۈتۈن بىر يىلدا جۇڭگو بىلەن قازاقستاننىڭ ئۆزئارا سودا سوممىسى 17 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. جۇڭگو قازاقستان ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى 2015 - يىلىدىن بۇرۇن بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا سودا سوممىسىنى 15 مىلياردتىن ئاشۇرۇش ۋەزىپىسىنى بالدۇر ئورۇنلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. قازاقستان تاموژنىسىنىڭ ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، جۇڭگو بىلەن قازاقستاننىڭ 2008 - يىلىدىكى ئۆزئارا سودا سوممىسى 12 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 2007 - يىلىدىكىگە (9 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) قارىغاندا %33.7 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە قازاقستاننىڭ جۇڭگوغا قىلغان تاۋار ئېكسپورت سوممىسى 7 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، %37 ئاشقان؛ قازاقستاننىڭ جۇڭگودىن تاۋار ئىمپورت قىلغان سوممىسى 4 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، %31 ئاشقان. سودا سوممىسى بويىچە رەتكا تۇرغۇزغاندا، جۇڭگو قازاقستاننىڭ ئۈچىنچى چوڭ سودا شېرىكى، ئىككىنچى چوڭ ئىمپورت دۆلىتى ۋە ئۈچىنچى چوڭ ئېكسپورت دۆلىتى قاتارىدا تۇرىدۇ.
2009 - يىلى يەر شارى خاراكتېرلىق پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى جۇڭگو بىلەن قازاقستاننىڭ سودا ئىشلىرىغا مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىدىغان كونكرېتنى ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. دۆلىتىمىز تاموژنىسىنىڭ ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 9002 - يىلى 1 - ئايدىن 01 - ئايغىچە جۇڭگو بىلەن قازاقستاننىڭ ئۆزئارا سودا سوممىسى 2008 - يىلىدىكىگە قارىغاندا %26، ئىمپورت ۋە ئېكسپورت سوممىسى ئوخشاشلا %26 دىن تۆۋەنلىگەن. قازاقستاننىڭ ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، قازاقستاننىڭ جۇڭگوغا تاۋار ئېكسپورت قىلىش سوممىسى %24، جۇڭگودىن تاۋار ئىمپورت قىلىش سوممىسى %28 تۆۋەنلىگەن.
ئىككى تەرەپنىڭ سودا تاۋار تۈزۈلمىسى تۆۋەندىكىچە: دۆلىتىمىز قازاقستاندىن ئاساسەن مىس ۋە مىس ماتېرىياللىرى، پولات ماتېرىياللار ۋە نېفىت قاتارلىق ئېنېرگىيە ۋە باشقا خام ماتېرىياللارنى ئىمپورت قىلىدۇ؛ قازاقستانغا بولسا ئاساسەن كىيىم - كېچەك، كىيىم - كېچەكلەرنى قوشۇمچە زىننەتلەش بۇيۇملىرى، ماشىنا ۋە ئېلېكتر مەھسۇلاتلىرى ۋە باشقا ئاياغ قاتارلىقلارنى ئېكسپورت قىلىدۇ.
خەنزۇچە«ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى» ژۇرنىلىدىن مىھرىئاي ئىسساق تەرجىمە قىلدى