3-ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 9 دىن7 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى غەربىي تاغ سولاقخانىسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا، 531 - يول ئاپتوبوسى بىلەن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن غەربىي ۋوگزالىغا ماڭغان7573 - قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى سوقۇلۇپ كەتكەن، ئۈرۈمچى ساقچى تەرەپنىڭ دىيىشىچە ، بۇ ۋەقە 5 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . ئۇنىڭدىن باشقا 30 نەچچە يارىلانغان كىشى دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا . كۆرگەنلەرنىڭ دىيىشىچە يولۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەتىگەنلىك ئوقۇشقا ماڭغان ئوقۇغۇچىلار ئىكەن . نەق مەيدانغا ساقچىلار، 120 جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يېتىپ كەلگەن، ۋەقە ھازىر بىر تەرەپ قىلىنىۋېتىپتۇ.