ئۆزبېكىستان مېھمانسارايلارنى كۆپلەپ سالماقچى
ئۆزبېكىستان يېقىندا ساياھەت ئۇل مۇئەسسەسەلىرىگە مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات كومىتېتىنى قۇردى. كومىتېت رەھبىرى راۋبايېۋنىڭ قارىشىچە، دۆلەتنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، نۇقتىلىق ھالدا مېھمانساراي، تىرانسپورت ۋە ئاممىۋى يېمەك - ئىچمەك كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەككەن. مەزكۇر كومىتېت «مېھمانساراي ئۇل مۇئەسسەسەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىروگراممىسى» نى تۈزۈش خىزمىتىنى ئاللىقاچان باشلىۋەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدىن مەقسەت مېھمانسارايدىكى ياتاق ئۆيلەرنى 168 مىڭ ئېغىزغا كۆپەيتىش ھەم مۇئەسسەسەلەرنى ياۋروپانىڭ ئۆلچەم سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش ئىكەن.