ئۆزبېكىستاننىڭ مېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورت مىقدارى ئاشتى
2010 - يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۆزبېكىستاننىڭ مېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورت مىقدارى 331 مىڭ توننا ئاشتى، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت سوممىسى 367 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلىدىكىگە قارىغاندا %163 ئارتتى. بۇنىڭ ئىچىدە رۇسىيە ئەڭ چوڭ ئېكسپورت نىشانى بولۇپ، 172 مىڭ توننا مېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورت قىلىندى، ئېكسپورت سوممىسى 255 مىليون 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى؛ قازاقىستانغا ئېكسپورت قىلىش كۆلىمى زور نىسبەتتە ئېشىپ، 48 مىڭ توننا مېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورت قىلىندى، ئېكسپورت سوممىسى 46 مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2010 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ئۆزبېكىستاننىڭ مېۋە - چېۋە ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 519 مىڭ توننىغا يېتىپ، پىششىقلاش كارخانىلىرىنى 147 مىڭ توننا مېۋە - چېۋە بىلەن تەمىنلىگەن. نۆۋەتتە، ئۆزبېكىستاندىكى مېۋىلىك باغ كۆلىمى 226 مىڭ گېكتارغا يەتتى.