ياپونىيە بىلەن قازاقىستان تاجىكىستاننىڭ ھەسەلچىلىكىگە قىزىقماقتا

2011-03-19 10:38:25   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

ياپونىيە بىلەن قازاقىستان تاجىكىستاننىڭ ھەسەلچىلىكىگە قىزىقماقتا

      تاجىكىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى »تاجىكىستان ھەسىلى« دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركىتىنىڭ دىرېكتورى يېقىندا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇندان دېدى: ياپونىيە بىلەن قازاقىستان تاجىكىستان ھەسەللىرىنى ئىمپورت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ھازىر تاجىكىستاننىڭ ياپونىيەدىكى بىر شىركەت بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ھەقتىكى سۆھبىتى ئاخىرقى باسقۇچقا كەلدى.
       ياپونىيە 2011 - يىلىدىن باشلاپ تاجىكىستاننىڭ ھەسەل ۋە ھەسەل ھەرىلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى پىلانلىماقتا. ياپونىيە تاجىكىستاننىڭ ھەسەللىرىنى ئىنچىلىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ، تاجىكىستان ئىشلەپچىقارغان ھەسەللەرنىڭ سۈپىتى ياخشى، دېگەن خۇلاسىنى چىقاردى. ھازىر تاجىكىستان ھەسەللىرىنىڭ ئاز بىر قىسمى ئافغانىستان، ئىران ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەللىرىگە ئېكسپورت قىلىنماقتا.
       »تاجىكىستان ھەسەللىرى« دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: 2010 - يىلى تاجىكىستاننىڭ ھەسەل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3000 كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتتى، ھەسەل ھەرىسىنىڭ سانىمۇ كۆپەيدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە تاجىكىستاننىڭ 2011 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە بولغان تەرەققىيات پىلانىدا ھەسەل مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، ھەسەل ھەرىسى سانىنى كۆپەيتىش، ھەسەل ۋە ھەسەل ھەرىسى ئېكسپورتىنى تەڭشەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.