شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىدىكى ئورنى
چياۋ گاڭ مېڭ جىڭجىڭ
(شىنجاڭ پەن - تېخنىكا ئاخبارات تەتقىقات ئورنى، 830011)
1. زامانىۋى ياۋروپا ئاسىيا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى
ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىغا ئەگىشىپ «ئۈچىنچى پايدا مەنبەسى»، دەپ ئاتالغان زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتچىلىقى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تېز سۈرئەتتە گۈللىنىشكە باشلىدى. شۇنداقلا 21 - ئەسىردىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ ۋە خەلق ئىگىلىكى ئىقتىسادىدىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. شىنجاڭ ئەشيا ئوبوروت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى تاشيول مال تىرانسپورتىدىن ئىبارەت. شۇڭا، شىنجاڭ ھازىر بۇ جەھەتتە ئاساسەن ئىلغار قاتناش ئاساسىي ئەسلىھەلىرىگە ۋە بازارلاشقان ئەشيا ئوبوروت تەرەققىيات سىياسىتىگە تايىنىدۇ. تاشيول تىرانسپورتى ئاساسەن ئاپتوموبىللارنى ئاساس قىلغان قاتناش قوراللىرى ئارقىلىق مالنى نىشان قىلىنغان يەرگە يەتكۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر شىنجاڭدا دۆلەت 1 - دەرىجىلىك سودا ئېغىزىدىن 17 سى، 2 - دەرىجىلىك سودا ئېغىزىدىن 12 سى بار بولۇپ، مەملىكىتىمىز بويىچە خەلقئاراغا تۇتىشىدىغان ئاپتوموبىل تىرانسپورت لىنىيەسى ئەڭ كۆپ، تىرانسپورت مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن ئۆلكىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدە بولسا سودا ئېغىزى ۋە خەلقئارا تىرانسپورت لىنىيەسى ئەڭ مەركەزلەشكەن جاي ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بولۇپ، مەزكۇر ئوبلاست ئارقىلىق چېگرا ھالقىپ تىرانسپورت قىلىنىدىغان مال مىقدارى ئەڭ كۆپ.
ھازىر جىڭ - ئىلى - قورغاس تۆمۈريولى پۈتۈش ئالدىدا تۇرماقتا. قازاقىستان تۆمۈريول تورى بىلەن تۇتۇشىشمۇ پات ئارىدا تاماملىنىدۇ. قازاقىستان، رۇسىيە ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ياۋروپانىڭ شىمالى بىلەن جۇڭگونىڭ شىمالىنى تۇتاشتۇرىدىغان تاشيول تىرانسپورت كارىدورى قۇرۇلۇش تۈرىگە قاتنىشىپ، ئۆز تەۋەلىكىدىكى تاشيول بۆلەكلىرىنى رېمونت قىلىش ۋە قۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرماقتا؛ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تۆمۈريول تورى بىلەن ياۋروپا ئەللىرى تۆمۈريول تورىنى تۇتاشتۇرۇش پىلانىمۇ ئەمەلگە ئېشىش ئالدىدا تۇرماقتا. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىز بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت سودا سوممىسىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىدىن بىشارەت بەرمەكتە. مانا مۇشۇنداق تەرەققىيات ۋەزىيىتىدە، ياۋروپا ئاسىيا تىرانسپورت لىنىيەسىگە جايلاشقان ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى مۇقەررەر ھالدا ياۋروپا ئاسىيا ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئوبوروت تۈگۈنى بولۇپ قالدى. شۇڭا بۇ ئوبلاستتا زامانىۋىلاشقان ياۋروپا ئاسىيا ئەشيا ئوبوروت مەركىزىنى قۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر.
2. يېشىل دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش بازىسى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولدى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى، بۇنىڭ بىلەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياج ئۈزلۈكسىز ئارتىپ باردى. لېكىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان كۆكتات، مېۋە، گۈل ۋە گۆش قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغاچقا، بۇ دۆلەتلەر بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى ئىمپورتقا تايىنىش ئارقىلىق ھەل قىلماقتا، بولۇپمۇ قىش ۋە ئەتىيازدا رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتە كۆكتات ۋە مېۋىنىڭ سېتىلىش باھاسى مەملىكىتىمىزنىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش باھاسىدىن نەچچە ھەسسە، ھەتتا نەچچە ئون ھەسسە قىممەت بولىدۇ.
ھازىر ھۆكۈمىتىمىزنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، قوشنا دۆلەتلەرگە قوغۇن - تاۋۇز، كۆكتات قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئېكسورت قىلىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئىلى رايونى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش جەھەتتە مۇئەييەن تەجرىبىلەرنى توپلىدى. بۇندىن كېيىن ئېكسپورت جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچلەرنى داۋاملىق ئاچماقچى. لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن يېمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىلى رايونىنىڭ كۈن نۇرى، ئىسسىقلىق ۋە تۇپراق بايلىقى مول بولۇپ، ئەسلىدىنلا دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇندىن كېيىن تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن دېھقانچىلىق تېخنىكىلىرىغا تايىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە يۈزلىنىدىغان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقئارالىق ئۆلچەملەردىكى تەلەپلەر بويىچە، مۇۋاپىق يەرنى تاللاپ، يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت قىلىش بازىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان مېۋىلەرنى ئىشلەپچىقىرىشنى، تۈجۈپىلەشتۈرۈشنى، ئۆلچەملەشتۈرۈشنى ۋە كۆلەملەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان مېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مول دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئوتتۇرا ئەسىيا ئەللىرىدىكى ئاھالىلارغا ياقىدىغان يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش كېرەك.
3. قۇرۇقلۇقتىكى كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىنى توشۇش ۋە پىششىقلاش بازىسى
ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقى مول بولۇپ، بۇ ئەللەرنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىش مەملىكىتىمىز نېفىت - تەبىئىي گاز ئىمپورت ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئاساسلىق تەرەققىيات يۆنىلىشىدۇر. جۇڭگو - قازاقىستان نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسى لىنىيەسى ئاللىقاچان ئىشقا كىرىشىپ بولدى. تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز يوللاش تۇرۇبىسى لىنىيەسى قۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرماقتا، مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيەسى قورغاس سودا ئېغىزى ئارقىلىق جۇڭگوغا كىرىدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ گېئولوگىيەلىك تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ، كان بايلىقلىرى مول، نېفىت - تەبىئىي گاز قاتارلىق ئېنېرگىيە كان مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا، يەنە مېتال كان مەھسۇلاتلىرى، كۆمۈر ۋە كالىي رۇدىسى قاتارلىق كان مەھسۇلاتلىرىمۇ مول، بولۇپمۇ قازاقىستاننىڭ كان مەھسۇلات تۈرلىرى كۆپ، زاپىسى مول.
ھازىر جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ كانچىلىق ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ئىشلىرى نېفىت - تەبىئىي گاز ساھەسىدىن ھالقىپ، كان مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە كېڭەيمەكتە. بۇ جەھەتلەردە ھەمكارلاشقۇچى تىجارەتچىلەر كان مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش مەسىلىلىرىگە ئەھمىيەت بەرمەي قالمايدۇ، چۈنكى بۇلار ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. كان مەھسۇلاتلىرىنى تۆمۈريول ياكى تاشيول ئارقىلىق جۇڭگوغا توشۇش ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ تىرانسپورت لىنىيەسى ئەڭ قىسقا، بۇ يول ئارقىلىق كان مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە تېخنىكا شارائىتى بىرقەدەر ئەۋزەل بولغان ئەسلىھەلەرنى تېپىش ياكى قۇرۇپ چىقىشمۇ قۇلايلىق، زور ئىستېمال بازىرىغىمۇ يېقىن. ئىلى ئوبلاستى دەل مۇشۇ كان مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش يولىغا جايلاشقان بولۇپ، كان مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش سودىگەرلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
نۆۋەتتە، ئىلى ئوبلاستىكى مول كان بايلىقلىرى مەنبەلىرىمۇ زور گۇرۇھلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى جەلپ قىلماقتا. بىر قىسىم كانلارنى ئېچىش ۋە بۇ كانلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرلىرى يولغا قويۇلماقتا. شۇڭا، ئىلى ئوبلاستى كان مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشتىكى ئەسلى ئىقتىدارى ۋە زور كارخانا گۇرۇھلارنىڭ تېخنىكا ۋە مەبلەغ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كان مەھسۇلاتلىرى خام ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئوبيېكت قىلغان كان مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسىنى قۇرۇپ چىقسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، كان مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان گۇرۇھ شىركەتلەر تەرەققىيات پىلانىنى تۈزگەندە، قوشنا ئەللەرنىڭ كان بايلىقلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەك.
4. چېگرا ھالقىپ ساياھەت قىلىش بازىسى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رايون ھالقىپ، دۆلەت ھالقىپ ساياھەت قىلىش خېلى تەرەققىي قىلدى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ چېگرا رايونغا جايلاشقان، چېگرا سودىسى ساياھەتچىلىكى ۋە چېگرا ھالقىپ ساياھەت قىلىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە. لېكىن ۋىزا بېجىرىش ۋە قاتناش قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، چېگرا ھالقىپ ساياھەت قىلىش ھازىرغىچە رەسمىي يولغا قويۇلغىنى يوق. شۇڭا ھەر ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەتلىرى ماسلىشىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قازاقىستاننى جۇڭگو گراژدانلىرىنىڭ ساياھەت قىلىدىغان دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزۈپ، يەرلىكتە ۋىزا بېجىرىش كېلىشىمىنى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ساياھەتچىلىكىدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىش كېرەك. ئىشىنىمىزكى، بۇ مەسىلە پات ئارىدا ھەل بولغۇسى.
5. پەن - تېخنىكا ئارقىلىق سودىنى گۈللەندۈرۈش ۋە تېخنىكا مۇلازىمەت بازىسى
جۇڭگو پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مەشئەل مەركىزى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق سودىنى گۈللەندۈرۈشنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ خەلقئارالىق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزدىكى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ خەلقئارا بازارلارغا كىرىشىنى قوللاپ، خەلقئارالىق ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، خەلقئارالىق رىقابەتكە قاتنىشىپ، مەملىكىتىمىزدىكى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ خەلقئارالىق رىقابەت كۈچىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئۈچۈن، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق سودىنى گۈللەندۈرۈش بازا قۇرۇلۇشىنى يۆلەش سالمىقىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرماقتا. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ئۆزىدىكى ئەۋزەللىك بىلەن ئەمەلىي شەرت - شارائىتلارنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر قاتار خەلقئارالىق پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرىكەتچان ئىلى ئېتىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئات نەسلىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، يەنە قازاقىستان بىلەن ھەسەل مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش جەھەتتىمۇ ھەمكارلىق ئورناتتى. بۇلاردىن سىرت، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى يەنە بۇندىن كېيىن ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە ئورمانچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ، سورتلارنى ئالماشتۇرۇش، ئەلا مەھسۇلات ۋە تېخنىكىلارنى چىقىرىش، ھايۋانات - ئۆسۈملۈك كېسەللىك ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ يوقىتىش، دورا ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېمەكلىك پىششىقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بۇ جەھەتلەردىكى پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، پەن - تېخنىكا مۇلازىمەت بازىسىنى قۇرۇش، بىر تۈركۈم يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش، بىر تۈركۈم يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى يۆلەش ۋە كەسىپلەر تۈزۈلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، يېڭى تىپتىكى سانائەتلەشكەن قۇرۇلۇشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ يېتەكچى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
6. سانائەت رايونلىرىنى ئاساس قىلغان كەسىپلەر توپى
ھازىر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا يەتتە سانائەت رايونى بار، بۇ رايونلارنى ئاساس قىلغان يېتەكچى كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا، ئايلانما ئىگىلىك تەرەققىياتىدىمۇ دەسلەپكى نەتىجىلەر كۆرۈلمەكتە. لېكىن، سانائەت رايونىنىڭ تەرەققىياتىدا يەنە بەزى مەسىلىلەر مەۋجۇت. مەسىلەن، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا سانائەت رايونىدىكى كارخانا خادىملىرىنىڭ پەن - تېخنىكا سەۋىيەسى سەل تۆۋەن، كەسىپلەرنىڭ زەنجىرلىشىشى يېتەرلىك ئەمەس، نەپىس پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار ئاز، كەسىپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تەلەپكە دېگەندەك ئۇيغۇن ئەمەس، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىياتتىكى ھاياتىي كۈچى گەۋدىلىك ئەمەس. شۇڭا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بۇندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ تېخنىكا ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى، بازار ئېھتىياجى، كەسىپلەرنى يۆلەش سالمىقى قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتقان ھالدا يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك. مەسىلەن، ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر غەيرى خام ماتېرىيال تىپىدىكى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى يۆلەش ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، لېكىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆلەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەلىشى ناتايىن، شۇڭا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سانائەت رايونلىرى ئۆز ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ كەسىپلەر توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. بۇندىن باشقا، قازاقىستاننى ۋەكىل قىلغان قوشنا ئەللەر ھازىر سىرتقا مەبلەغ سېلىش ئىقتىدارىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھازىرلىدى، بۇ ئەللەردىكى بەزى مەبلەغ سالغۇچىلار جۇڭگودىن مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تېپىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. شۇڭا سانائەت رايونلىرى ئۇلارنىڭ مەبلىغىدىن پايدىلىنىشنى ئويلىشىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى قوش مەبلەغدىن تولۇق پايدىلانغىلى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلارنى ئىگىلىگىلى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
7. زامانىۋى سودا مۇلازىمەت ئۇچۇر سەھنىسى
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىقىنىڭ كۈچەيتىلىشى، ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇپ، ئۇچۇر كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى؛ ئۇچۇر بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش رايونلار ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈردى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بولسا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىقىدا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، مال ئوبوروت مىقدارى ۋە چېگرادىن ئۆتىدىغان ئادەم سانىمۇ كۆپ، بۇ خىل ئەھۋال ئۇچۇرنىڭ تېز سۈرئەتتە تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەمكارلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تېز، توغرا، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە بولغان ئۇچۇرلارغا بولغان ئېھتىياجىمۇ ئاشتى. بۇ خىل ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ماسلىشىشچانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسپىي تېخنىكا ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئۇچۇر بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، رايون ئىچىدىكى ئۇچۇر تورى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، رايونلار ئارا ئورتاق بەھرىمەن بولالايدىغان سودا مۇلازىمەت ئۇچۇر سەھنىسىنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇنەۋۋەر قادىر